40 دۆلەت قانۇنشۇناسلىرى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى

40 دۆلەت قانۇنشۇناسلىرى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى
مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارا قانۇنشۇناسلار بىرلىكى جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە كونيا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن 20-21-22- ماي كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە «كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا ئادالەت چاقىرىقى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىغىنغا 40 دۆلەتتىن قانۇنشۇناسلار، ئادۋوكاتلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات رەھبەرلىرى بولۇپ 250 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىندا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىپ، يىغىن خۇلاسىسى سۈپىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىشى ۋە خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى چاقىرىلدى.
ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە يىغىندا سۆز قىلىپ شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.
يىغىندا خەلقئارا ئادالەت، قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان خەلقئارا قانۇنشۇناسلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نېجاتى جەيلان ئەپەندى: «شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق كۆپلىگەن ئىسلام رايونلىرىدا ئىنسانلار زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ، بۇ خىل زۇلۇم ۋە ھەر خىل ۋەقەلەر دۇنيا مىقياسىدا ئېغىر دەرىجىدە ئادالەتسىزلىك مەسىلىسى پەيدا قىلماقتا»، دېدى.
يىغىن رىياسەتچىسى مەخمۇت ئوسمانئوغلى ئەپەندى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «يالغۇز بىزنىڭلا ئەمەس سىلەرنىڭمۇ مەنىۋى بېغىڭلار بولغان ۋە دۇنيا ھەقىقىي مەنىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقان بىر دەۋايىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدۇر، خىتاي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى دائىرىسى ئىچىدە شىنجاڭ دېگەن بىر ئاتالغۇ بىلەن ئاتىۋالغان بولسىمۇ ئۇ يەر شەرقىي تۈركسىتاندۇر، مەن <شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان> دېگەن تېمىدا بىر ماقالە يازغانىدىم. شەرقىي تۈركىستان كۈرىشى قىيىن بىر كۈرەشتۇر، شەرقىي تۈركىستانلىقلار يىللاردىن بۇيان زۇلۇم ئاستىدا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى نېفىت ۋە تەبىئىي بايلىقلارنىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر».
يىغىندا سۆز قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە ئەھمىيىتى، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرى شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختالدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلمەي سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىق بىلەن تەنقىد قىلدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قوللاشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ 69 دۆلەتنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ۋە نەچچە مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىنغان يىپەك يولى پىلانى شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى يانجىپ قانىتىپ ئۆتىدۇ، بۇ ۋەزىيەتكە ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلىشى بىزنى قايغۇغا سالىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىشغال قىلىۋېلىنغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنىشىنى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇشىنى، پۈتۈن ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يىغىن ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمىز».
3 كۈن داۋام قىلغان يىغىن ئاخىرىدا يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى. خۇلاسە دوكلاتىنى خەلقئارا قانۇنشۇناسلار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى پروفېسسور دوكتۇر مەھمەت رەفىك قورقۇسىز ئەپەندى ئوقۇپ ئۆتتى.
خۇلاسە دوكلاتىدا پۈتۈن دۇنيادا ئىجتىمائىي ئادالەتنى بەرپا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، خەلقئارا كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەرنى ئىجرا قىلىش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش. شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى دەرھال توختىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
بىز بۇ بۇ يىغىن ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر – قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارا قانۇنشۇناسلار بىرلىكى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نېجاتى جەيلان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
نېجاتى جەيلان ئەپەندى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىپ، ناھەق بىر شەكىلدە شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلدى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا، مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستانلىقنى جازا لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ قۇيۇۋاتىدۇ، خىتاينىڭ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم، قىيىن – قىستاق ۋە ھەق – ھوقۇق دەپسەندىچلىكلىرىگە پۈتۈن دۇنيا سۈكۈت بىلەن قاراپ تۇرۇۋاتىدۇ. ب د ت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركسىتانلىقلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزدۇر، ئۇلارنىڭ ئاللانىڭ ئىنسانغا تۇغۇلۇشتىن ئاتا قىلغان، جان، مال، ئەقىل، ئىززەت – ئابرۇي ۋە دىنغا ئوخشاش ئىنسان ئۈچۈن ھاياتى قەدىر – قىممەتكە ئىگە بولغان ئاساسىي ھەق – ھوقۇقلىرى خىتاي تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنماقتا، قىيىن – قىستاق ۋە زۇلۇم داۋاملاشماقتا».
نېجاتى جەيلان ئەپەندى سۆزىدە يەنە بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن دۇنيا جامائىتىگە چاقىرىق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز خەلقئارا قانۇنشۇناسلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، <كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا ئادالەت چاقىرىقى > تېمىدىكى يىغىندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىمىزنى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا ئېلان قىلدۇق. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئازادلىقىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە روياپقا چىقىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن».









مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان