ماقالىلار

ب د ت ئالى كومىسارىدىكى خىتايغا تەسلىمچىلىك ئالامەتلىرى 

ب د ت ئالى كومىسارىدىكى خىتايغا تەسلىمچىلىك ئالامەتلىرى

(بۈگۈن مۇشۇ تىمىدا ”زىمىستان“ تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ تەرجىمىسى) كۆك بايراق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتىنىڭ ئالىي كومىسارى باچېلېت خانىم 23 ‏-مايدىكى باياناتىدا بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنىڭ “ تەكشۈرۈش“ ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئەلۋەتتە بۇ ئۆز ئاجىزلىقىنى، تەسلىمچىلىكىنى ئېتىراپ قىلغان سەمىمىي بىر ئەسكەرتىش. ئەمما كېچىككەن بىر ئېتىراپ. باچېلېت خانىم 2018 ‏-يىلى سىنتەبىردە خىتايدىن زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغاندىن، بۇ يىل مارتتا بۇ تەلىپى تەستىقلانغانغا قەدەر، “ توسالغۇسىز ۋە مۇستەقىل“ تەكشۈرۈشنى شەرت قىلىپ كەلدى. خىتاي تەرەپ ئىزچىل ھالدا زىيارەتنىڭ تەكشۈرۈش ئەمەس، پىكىر ئالماشتۇرۇش خارەكتىرىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. قارىغاندا باچېلېت خانىم، مارت ئېيىدا كېلىشكەندە خىتاي تەرەپنىڭ قىزىل سىزىقىنى قوبۇل قىلغان گەپ. . بۇ تەسلىمچىلىكىنى نىمە ئۈچۈن شۇ مارت ئېيىدىلا ئېلان قىلىۋەتمەيدۇ؟ تا مۇشۇ ھەپتىگە قەدەر يوشۇرىدۇ؟ مەنچە بۇ چوڭ بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك. باچېلېت خانىم، ئىككى يىلدىن بۇيان “ توسالغۇسىز ۋە مۇستەقىل تەكشۈرۈش“ شۇئارى بىلەن دۇنيا جامائىتىگە ، جۈملىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا خاتا سىگنال بەردى. ئۇ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى – باچېلېتنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ئىشەنگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بايانات ۋە نامايىشلىرىنىڭ ، ئۇلارنىڭ يۇرتدىكى ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان پالاكەتچىلىكلىرىنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك ئىدى، بۇ بەدەللەرنىڭ بىھۇدە تۆلىنىشىگە كۆز يۇمماسلىقى كېرەك ئىدى. باچېلېتنىڭ گۇرۇپپىسى بۇ سەپەرگە ئاتلىنىپ 28 كۈنگە قەدەر بۇ زىيارەتنىڭ تەكشۈرۈش ئەمسلىكىنى يوشۇرۇن تۇتۇشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپ ۋەكىللىرى- ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، لاگىر شاھىدلىرى ۋە تىمىغا ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەر بىلەن كۆرۈشمەسلىكىنىڭ ئۆزى، مەركۇز كومىسيوننىڭ خىتايغا تەسلىم بولۇپ بولغانلىقىنىڭ شەپىسى ئىدى. بۇ كومىسيوننىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرۇلۇق قولىدىكى دوكىلاتنى تا بۈگۈنگىچە ئېلان قىلماسلىقىمۇ خىتايغا تەسلىم بولۇپ بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىدى. دوكىلاتنى نىمە ئۈچۈن بۈگۈنگىچە بېسىپ ياتىدۇ؟ مۇشۇ “ سەيلا- ساياھىتى“نى تۈگىتىۋېلىش ئۈچۈنمۇ؟ ئۆتكەندە خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى ئۆتكۈزىۋېلىشىغا پۇرسەت بەرگەندەك، ”بىر يول بىر بەلباغ“ قۇرۇلۇشىنى تۈگىتىۋېلىشى ۋە ھەتتا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توسالغۇسىز داۋاملاشتۇرىۋېلىشى ئۈچۈنمۇ؟ ئەمىسە سوراپ باقايلى: بۇ بىر تەكشۈرۈش بولمىسا، قانداق سەپەر بۇ : سەيلە ساياھەتمۇ؟ توي زىياپىتىگە جابدۇشمۇ؟! مەزكۇر كومىسيون باياناتچىسى تروسەل خانىم 17 ‏-مايدىكى باياناتىدا ، بۇ سەپەردە “ شىنجاڭ“نىڭ ئاسالىق نىشان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەگەر مەقسەت تەكشۈرۈش بولمىسا، بۇ سەپەردىن مەقسەت نىمە؟ خىتاي دائىرىلىرىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش ياكى دەرس ئېلىش ئۈچۈنمۇ؟ مەزكۇر خانىم باياناتىدا يەنە باچېلېتنىڭ خىتايدا يۇۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزىدىغانلىقى ، رايون خارەكتىرلىك ۋە خەلقئاارا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. قىسقا بىر ھەپتەلىك سەپەرگە بىر پاتمان ئېنىقسىز مەسلىسىنى كۈنتەرتىپ قىلىۋېلىشنىڭ ئۆزىلا، بۇ زىيارەتنىڭ بىر شەكىلۋازلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئېلانى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەن بىر مەسىلە، ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى! خوش، باچېلېتنىڭ يېىقىنقى باياناتلىرى ۋە ھەركەتلىرى، ئۇنىڭ ئەسلىدە، كومىسيوننىڭ خىزمەت پىرىنسىپى بولغان- مۇستەقىل تەكشۈرۈش شەرتىدىن ۋاز كېچىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋاز كېچىشنىڭ سەۋەبى نىمە؟ بىزگە دىيىلمەي كېلىۋاتقان بىر نۇقتا بارمۇ قانداق؟ ب د ت خىتاينىڭ پۇلىغا مۇھتاج بولۇپ قېلىۋاتقىنى ئۈچۈنمۇ ياكى باچېلېتنىڭ ئۆز تەختىنى ساقلىشى خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئاۋزىغا مۇھتاج بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ خىتاينىڭ كۈچلۈك ۋە جاھىل ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن تەكشۈرۈشكە ئېھتىياج تۇغۇلىۋاتىدۇ. ئەگەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسيونىنىڭ رەھبىرىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا تاقابىل تۇرالىغۇدەك بىر خارەكتىر قۇۋۋىتى بولمىسا، ئۇ ۋەزپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان يەرنى سەيلە ساياھەت قىلىشتىن توختىشى كېرەك.

bitterwinter.org/the-bachelet-visit-a-disappointed-uyghurs-view/?fbclid=IwAR3-مەنبەسى: 6FLnoU6k7VHbyZYQuXFUEHdZJcFUpLRQq4Pr5fDx0ORdRoiv84oufWU

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button