باياناتلار

مىللىي مۇستەقىللىق دەۋايىمىز قىزىل سىزىقىمىزدۇر

مىللىي مۇستەقىللىق دەۋايىمىز قىزىل سىزىقىمىزدۇر ‎ھەرقانداق شەخس ياكى تەشكىلات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شۇنى بىلىپ قويسۇنكى، بىزنىڭ مۇجادىلىمىز شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈندۇر. ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى كۈرىشىمىز بولسا، مەنزىلگە يېتىش يولىدىكى ۋاسىتىلەردىن پەقەتلا بىرىدۇر.‎شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسمى، تۇپراق پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بايرىقى، مىللىي كىملىكى، مۇسۇلمانلىقى، تىلى، ۋە مەدەنىيىتى بولسا، ئىنتايىن سەزگۈر، چېقىلغىلى ۋە تالاش – تارتىش قىلغىلى بولمايدىغان، قەتئىي ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان قىزىل سىزىقلىرىمىزدۇر. ھەقىقىي مىللىي دەۋا ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىردەك ۋە ئومۇمىي خەلقىمىز خىتاي دۆلىتىنى ھەمدە تۇپرىقىمىزغا يەرلەشتۈرۈلگەن كەلگۈندى خىتاي خەلقىنى ئىشغالچى كۈچ دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرقانداق شەخس، گۇرۇھ ۋە تەشكىلات يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قىممەت قارشلىرىمىزغا ئىگە چىقىشى ۋە قوغدىشى كىرەك.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button