ماقالىلار

ئىستانبۇلدا، «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا، «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

 
2013 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 23 ‏- كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىسىتى توركولوگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىنىستىتۇت يىغىن زالىدا، «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، 20 يىل بىلەن 50 يىل ئارسىدا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل دۆلىتى قۇرۇلىدىغانلىقى ئىپادىلەندى.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىسىتى توركولوگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر ئايدا بىر قېتىم تۈركىيە سۆھبەتلىرى نامدا يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 1 ‏- ئايلىق يىغىنىدا «خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا، شەرقىي تۈركسىتان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كۆپ ساندا ئىلمىي تەتقىقات ۋە كىتاب يازغان شەرقىي تۈركسىتان تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان دوكتۇر ئۆمەر قۇل ئەپەندى سۆز قىلدى. يىغىنغا ئىستانبۇل ئۇنۋېرىسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوغۇچىلىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قانتاشتى. 
دوكتۇر ئۆمەر قۇل ئەپەندى يىغىندا، «شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تارىخى جەرىيانى»، «شەرقىي تۈركسىتاندا قۇرۇلغان مۇستەقىل دۆلەتلەر»، «خىتاينىڭ 1949 ‏- يىلدىكى ئىشغالىيىتى»، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» توغرىسىدا توختالدى ۋە «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇش يوللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى». 
دوكتۇر ئۆمەر قۇل ئەپەندى مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ غەربكە چىقىش نوقتىسى جەھەتتە تۈركىيىنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتلىك بىر يەردە ئىكەنلىكىنى بىز بىلمەيۋاتىمىز. شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى، شەرقىي تۈركسىتان داۋاسى دەيمىز، ئۇيغۇر مەسىلىسى دەيمىز ئەمما شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىۋاتىمىز. ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركسىتان سىياسىتى يوق، ئەگەر تۈركىيە شەرقىي تۈركسىتان سىياسىتىنى بەلگىلەپ چىقسا، ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ تەرەپلىمە پايدىنى قولغا كەلتۈرگەندىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تارىخى يىپەك يولىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تىز سۈرئەتلىك پويىز يولى بىلەن يېڭىدىن جانلاندۇرۇش پىلانى كۈنتەرتىپكە كەلدى،  خىتاي بۇ پىلان ئۈچۈن 280 مىليارد دوللار مەبلەغ سالدى. بۇنىڭدىن تۈركىيىگە 28 مىليارد دوللار بەردى. ئەگەر تۈركىيە بۇنىڭدىن 80 مىليارد دوللار تەلەپ قىلسا ئىدى خىتاي قوبۇل قىلىپ بۇنى بەرگەن بولاتتى. چۈنكى ئىستىراتېگىيە جەھەتتىن قارايدىغان بولساق خىتاي يا دېڭىز يولىنى ياكى قورۇقلۇق يولىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ، خىتاينىڭ ياۋروپاغا ئۆتىشى ئۈچۈن مەيلى قورۇقلۇق مەيلى دېڭىز يولىنى تاللىسۇن كاپكاس دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىن ياكى شىمالىدىن ئۆتۈپ ماڭىدىغان بىرلا يول تۈركىيەدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە خىتاي ئۈچۈن بەك ئەھمىيەتلىك.  
 
دوكتۇر ئۆمەر قۇل، تۈركىيىنىڭ نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك؟ دېگەن مەزمۇندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: چۈنكى ئۇ يەردە ياشاۋاتقانلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئىنسان، بىز پەلەستىن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ جىددى قارىغان بولساق، ئوخشاشلا شەرقىي تۈركسىتانغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز ۋە جىددى قارىشىمىز كېرەك. پەلەستىن مەسىلىسىگە دىنى جەھەتتىن قاراپ جىددى كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بولساق، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىمۇ مۇسۇلمان، ئۇ مەسىلىسىگە ئوخشاش دىنى جەھەتتىن قاراپ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. باشقا بىر ئوخشىمايدىغان ئالاھىدلىك بولسا شەرقىي تۈركسىتاندا ياشايدىغان خەلق بىز بىلەن ئىرقداش. مەسىلىگە ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتىن قارايدىغان بولسا ئۇ يەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە مەجبۇر بولىمىز، مەسىلىگە دىنى جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، مەيلى مىللىي جەھەتتىن قارايدىغان بولساقمۇ شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە مەجبۇر بولىمىز. 
دوكتۇر ئۆمەر قۇل سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: بىز ھازىر ئادالەتسىز بىر دۇنيادا، ماددى مەنپەئەت بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز، ئىنسانلارنىڭ قىبلىسى پۇل – مال بولغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز، باشقىلار مەسىلىلەرگە مەنپەئەت بويىچە قارىسا مەيلى ئەمما بىزنىڭ مەنپەئەتتىن سىرت قاراش كېرەك بولغان  مەنىۋى قىممەت قاراشلىرىمىز بار، بىزنىڭ قىزىل سىزىقلىرىمىز بار، بىرىنچىسى: ئەگەر مەسىلىگە ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن قارايدىغان بولساق، مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن مەيلى مۇسۇلمان بولمىسۇن ئىنسانلارغا بىر ھەقسىزلىق قىلىنۋاتقان بولسا، بىزنىڭ ئەقىدىمىز ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
 ئىككىنجىسى: ئىرقى جەھەتتە بىز ئۇلار بىلەن بىر مىللەت، چۈنكى بىزنىڭ تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز ئۇ يەرگە تۇتىشىدۇ. 
ئۈچۈنجىسى: دىنى ئېتىقاد بويىچە قارايدىغان بولساق، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ مۇسۇلمان، ئەگەر پۈتۈن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىر قېرىنداش دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولساق، ئۇ يەردە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بۇرنى قانىغان بولسا بۇنىڭدا بىزنىڭ ۋېبالىمىز بار دېمەكتۇر. مال سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىش كېرەك،«خىتايدا ئىشلەنگەن» دەپ يېزىلغان مالنى سېتىۋالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى خىتاينىڭ مېلىنى سېتىۋالغاندا ئۇ يەردىكى بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بېشىغا ئېتىلغان ئوقنىڭ پۇلىنى بەرگەن بولىسىز. ئوق دېگەن ھامان ئەقلىمگە شۇ كېلىدۇكى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئوقنىڭ پۇلىنى ئائىلىسىدىن ئالىدۇ، بىز شۇنداق بىر ئېچىنىشلىق جۇغراپىيە توغرىسىدا سۆز قىلىۋاتىمىز. 
 
دوكتۇر ئۆمەر قۇل سۆزىنىڭ ئاخىرىدا 20 ‏ بىلەن 50 يىل ئارىسىدا شەرقىي تۈركسىتاندا مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: مەن غەرب ئەللىرىدىن ۋە  ب د ت دىن شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغىرىسدا ھېچ نەرسە ئۈمىد قىلمايمەن، ئەمما ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىگە جاۋاپكار دەپ قارايمەن، چۈنكى خىتاينىڭ تاشقى تىجارىتىنىڭ 300 مىليارد دوللارغا يېقىن قىسمى ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. شەرقىي تۈركسىتاننىڭ كەلگۈسىگە قارىتا، تۈركىيە قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدىن ئۈمىد كۈتىمەن، ئەمما بىزنىڭ ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلارنى كۈزىتىش ۋە باشقىلارغا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك، جامائەت پىكىر پەيدا قىلىش، كۈنتەرتىپكە كەلتۈرىشىمىز كېرەك بولىدۇ. شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا جامائەت پىكرى پەيدا قىلالىساق، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ خاتىرجەم بىر ھايات كەچۈرۈشىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن 20 يىل بىلەن 50 يىل ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. يالغۇز شەرقىي تۈركسىتان ئەمەس بەلكى خىتاي بىر قانچە دۆلەتكە بۆلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن بۇنىڭ ئىشارەتلىرى كۆرۈلىۋاتىدۇ. 
مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان
 
تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close