جەمئىيەت رەئىسىمىز شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشكىللىگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭەش يىغىنى 26-ماي گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە باشلاندى.

يىغىنغا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى، تەشكىلات رەھبەرلىرى، چەت ئەللىك پارلامېنت ئەزالىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە لاگېر شاھىتلىرى قاتناشقان. يىغىنغا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلغان.

يىغىندا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان «مىللىي مۇستەقىللىق دەۋايىمىزنىڭ قىزىل سىزىقىدۇر» تېمىسىدا سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە مەيلى قايسى شەخس ياكى تەشكىلات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نۆۋەتتىكى مۇجادىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىشى كېرەكلىكىنى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى داۋام قىلىۋاتقان كۈرەش بولسا نىشانغا يېتىش يولىدىكى ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

‎ئۇ سۆزىدە يەنە: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسمى، تۇپراق پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بايرىقى، مىللىي كىملىكى، ئىسلامى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئىنتايىن سەزگۈر، چېقىلىشقا ۋە تالاش-تارتىش قىلىشقا بولمايدىغان، شۇنداقلا قەتئىي ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىقىمىزدۇر» دەپ تەكىتلىگەن. ئۆ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ھەقىقىي مىللىي دەۋا قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ خىتاي كوممۇنىست رېجىمى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى «ئىشغالىيەتچى كۈچ» دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇڭا ھەرقانداق شەخس، گۇرۇھ ۋە تەشكىلاتلار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سىياسىي قاراشلارغا ئىگە ئىگە بولۇشى، قوغدىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇندىن باشقا د ئۇ ق ئۇيۇشتۇرغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك مىللىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىگە جەم بولغان ئۇيغۇرلار 24-ماي شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، مىيۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. نامايىشتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى قاتتىق ئەيىبلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ غەزەپ-نەپرىتى بىلدۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ – ئىستىقلال

Exit mobile version