باش بەت

تۈركىيە نۇپۇسىغا ئۆتۈش توغرىسىدا

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، سودا، ئوقۇش ئىشلىرىنىڭ خاتىرجەم داۋام قىلىشى ئۈچۈن، تۈركىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن قايتا-قايتا كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىش قارارىنى چىقاردى. بۇ قارار بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى رەسمىي ئىجرا باسقۇچىغا كىردى.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، تۈركىيە پۇقرالىقى ئىلتىماسى جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىدىن ئېلىنىشى كېرەك بولغان بەزى ھۆججەتلەرنىڭ كەم بولۇشى خەلقىمىز ئۇچراۋاتقان ئەڭ چوڭ ئاۋارىچىلىقلەردىن بىرى ئىدى. بىرلىكىمىز پۇقرالىق ئىلتىماسىنىڭ ئاسانلىشىشى، ھەرقانداق بىر سەۋەبتىن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشەلمەي قالغان شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ چىقماسلىقى ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئەھۋاللارنى بايان قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانىدۇق. بۇ جەرياندا بىرلىكىمىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت 15-ئىيۇن ئەنقەرەدە تۈركىيە مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىسمايىل چاتاقلى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. نەتىجىدە خەلقىمىزنىڭ قىيىنچىلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، تۆۋەندىكى قارارلار چىقىرىلدى. بۇ خۇشخەۋەرنى خەلقىمىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتۇق:

1. تۈركىيەدە ئىقامەت بىلەن ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. نوپۇس ئىدارىسى ئىش نورمىسىغا قارىتا ۋاقىت-سائىتىنى ئۆزى بېكىتىپ، ئۆزى بىۋاسىتە چاقىرىپ ئىلتىماس قوبۇل قىلىدۇ.

2. پۇقرالىق ئىلتىماسى جەريانىدا تەييار قىلىش ئىمكانىيىتى بولغان ماتېرىياللارلا تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر توي خېتى، تۇغۇت ئىسپاتى، رازىلىق ھۆججىتى (مۇۋافاقاتنامە) قاتارلىق بىر قىسىم ماتېرىياللارنى تەييارلاش ئىمكانىيىتى بولمىسا، نوپۇس ئىدارىسى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن كەم ماتېرىياللار ھەققىدىكى ئىلتىماس جەدۋىلىنى توشقۇزۇپ، تاپشۇرسا بولىدۇ. ھېچقانداق بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ماتېرىيال كەملىكى سەۋەبلىك پۇقرالىق ئىلتىماسى رەت قىلىنمايدۇ.

3. ئارىغا ئادەم قويۇش، نۆۋەتنى ئالدىغا سۈرۈش ئۈچۈن بېدىك ئىزدەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا ھاجەت يوق ھەم تامامەن چەكلىنىدۇ.

بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا تۈركىيە سىرتىدا ھاياتى خەۋپتە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيەگە ئەكېلىنىشى، قۇتقۇزۇلۇشى ۋە خەلقىمىزنىڭ باشقا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەلەپلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرگە يەتكۈزۈلدى.

ھۆرمەت بىلەن:

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button