خەۋەرلەر

ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستاننى قوللاش» نامدا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 10 – ئىيۇندىن 12 – ئىيۇنغىچە ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستاننى قوللاش» نامدا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنغا 40 ئەتراپىدا دۆلەتتىن ئۆلىمالار، پارلامېنت ئەزالىرى، قانۇنشۇناسلار، سىياسىيونلار ۋە ژۇرنالىستلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

3 كۈن داۋا قىلغان بۇ يىغىننىڭ بىرىنجى كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمى خەلق ئاممىسىغا ئۇچۇق ھالدا ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ كۈلتۈر سەنئەت مەركىزى يىغىن زالىدا ئېچىلدى. يىغىننىڭ كىيىنكى كۈنلىرى ئىستانبۇلدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىننىڭ ئېچلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇگۈنكى كۈنلەردە خىتاي زۇلۇم ئاستىدا نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان، ئىنسانىي ۋە دىنى ھەق – ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالغان، ئىمام بۇخارى، ئىمام ماتۇرىدى، يۈسۈپخاس ھاجىپ ۋە مەخمۇت قەشقەرىيگە ئوخشاش كۆپلىگەن مەشھۇر ئالىملارنى يىتىشتۇرۇپ ، چىققان، تۈرك – ئىسلام جۇغراپىيەسىنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان، ئەجدادلىرى مىڭ يىلدىن بۇيان ئىسلامغا قۇچاق ئېچىپ، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى خاتىرلىتىش، دەردلىرىگە دەرمان بولۇش، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە شەرەپلىك دەۋالىرىنى ھەمبەھىرلەنمەك، ئۇلارنىڭ بىر نەپەس بولسىمۇ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. ئەڭ مۇھمى بولسا مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇسۇلمان تەرەپتە تۇرۇش مەيدانىمىزنى جاكارلاش كېرەكلىكىنى، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا قارىتا مەسئۇلىيىتىمىزنى باشتا ئۆزىمىزگە، ئىسلام دۇنياسىغا ۋە پۈتۈن مۇسۇلمان جامائىتىنىگە خاتىرلىتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق».

دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە دىنىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە ئائىت ھەر قانداق ئىشقا چەكلىمە قويۇپ روخسەت بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۇپ مۇنداق دېدى:  «ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى يوق قىلىنىۋاتىدۇ، مۇسۇلمان ياشلار خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىش چەكلەندى، ئۇيغۇر كىملىكىگە ئائىت ھېچ قانداق ئىشقا رۇخسەت بېرىلمەيدۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزكۇر مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى بۇ ھەقتە ئاڭ – چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئەلۋەتتە ئىسلام ئۆلىمالىرىغا يۈكلەنگەن بىر ۋەزىپىدۇر».

يىغىندا يەنە دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالى قاراداغى سۆز قىلىپ، ئىسلام دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى قوللاشقا چاقرىق قىلدى.

 ئۇ سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئىسلام ئۈممىتىگە بىلدۈرۈشكە تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىكى ئالىملارنى ۋە ئىماملارنى ئ‍ۆز دۆلىتىدىكى خەلقلەرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشقا ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى، شۇنداقلا ئىسلام دۆلەتلەرنىڭ رەئىسلىرىگە ۋە رەھبەرلىرىگە چاقىرىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى، سۈكۈت قىلىۋەرسە ئاللاھنىڭ ئالدىدا چوقۇم ھېساپقا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

دوكتۇر ئالى قارىداغى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاۋۇللاھ شاھيار دوكتور ئەلى قاراداغىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.

يىغىننىڭ ئېچلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتى رەئىسى شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئسىلام دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاشقا، سۈكۈت قىلماسلىققا چاقرىق قىلدى.

يىغىننىڭ 2 – كۈنى ئىستانبۇل ۋالىيسى ئالى يەرلىكايا ئەپەندى قاتنىشىپ  سۆز قىلدى.

ۋالىي ئالى يەرلىكايا ئەپەندى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ قەلبداش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: قەلبلەر يېقىنلاشقانسىرى، ئارىدا دېڭىز – ئوكيانلار بولسىمۇ پۈتۈن جۇغراپىيەلەر بىز ئۈچۈن يېقىندۇر، شەرقىي تۈركسىتان ماڭا يۇرتۇم كونياغا ئوخشاش يېقىندۇر. بىزلەر بىر دەريانىڭ ئېقىنلىرى، بىر چىنارنىڭ شاخلىرى، بىز بىر نەسىلنىڭ بىر ئەجدادنىڭ ئەۋلادلىرى. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركسىتاندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر،  ئۇيغۇر خەلقىگە سېلىنىۋاتقان زۇلۇملارغا، دۇنيا كۆر، گاس ھەم گاچا بولىۋالماقتا، لېكىن بىز ئۇلارغا ئوخشاش زۇلۇمغا سۈكۈت قىلمايمىز، سىلەر پەقەت تۈرك تىلىدا سۆزلەيدىغان تۈرك مىللىتىدىن بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆز تىلىڭلاردا سۆزلەشتە چەكلىمىگە ئۇچرىدىڭلار، دىنى ئىتىقاد بىلەن ياشاشتىن مەھرۇم قىلىندىڭلار، يىلتىزىڭلاردىن سۇغۇرۇلۇپ سۈرگۈن قىلىندىڭلار، تۈرلۈك قىيىن – قىستاقلارغا ئۇچرىدىڭلار، سىلەر ھاياتىڭلارنى پىدا قىلىش بەدىلىگە دىنىڭلارنى، تىلىڭلارنى، مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ – ئادەتلىرىڭلارنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلدىڭلار، بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركىيەدە ئۆزلىرىنى ئەجنەبىي ھىس قىلىپ قالماسلىقى، تۈركىيەدە ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدىكىدەك ھىس قىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك خىزمەتلەرنى يولغا قويىۋاتىمىز چۈنكى بىز قېرىنداشلىرىمىزغا ئەجنەبىي كۆزى بىلەن قارىمايمىز.

يىغىن ئاخىرىدا يىغىننىڭ خۇلاسە دوكىلاتى ئېلان قىلىندى، خۇلاسە دوكىلاتىنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇسالام ئالىم ئوقۇپ ئۆتتى.

ئابدۇسالام  ئالىم خۇلاسە دوكىلاتىنى ئوقۇپ مۇنداق دېدى: يىغىن ئىشتىراكچىلىىرى، ‎شەرقىي تۈركىستان خەلىقنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىنى قوغداش، دەپسەندە  قىلىنغان ھەق ھوقوقىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى توغرسىدا سودىلىشىشنى قەتتى قوبۇل قىمماسلىق كىرەكلىكى  توغرىسىدا چاقرىق قىلدى.شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا, خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقى, سىستىمىلىق ئىرقى قىرغىنچىلىق  ئىلىپ بىرش جىنايىتى، ۋە  پۈتۈن دۇنيانىڭ خەلقئارا جىمجىتلىقنى ئەيىبلەش،خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە ئۈنۈملۈك بايقۇت قىلىش ئۇچۇن تەتقىقات  ئېلىپ بىرىشقا چاقرىدى.خىتاينىڭ  زور مىقداردا قەرىز بىرىش ئارقىلىق دۆلەت بايلىقىنى سۈمۈۋېلىش ۋە ۋاستىلىق ھالەتتە ئاستىرتتىن ئىگەللىۋىلىش  دىگەنگە ئوخشاش  خەتەرلىك ئىقتىسادىي پىلانىغا ئالدانماسلىققا چاقرىق قىلدى.ھۆكۈمەتلەرنى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنى ، شۇنداقلا ئۆلىمالار ۋە دەۋەتچىلەرنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشقا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك، دىنىي ۋە ئەخلاقى مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە قوغداشقا، ئىجتىمائى ئورگان ۋە ئاخبارات قاناللىرىنى  شەرقىي تۈركىستان مەسلىسىنى قوللاشقا، ۋە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە چاقرىق قىلدى.

خۇلاسە دوكىلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختالغان بولۇپ، ئابدۇسالام ئالىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە دەھشەتلىك جىنايى قىلمىشلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى، بۇلاردىن بەزىلىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا تۈرمە ۋە لاگىرلاردا ئەر-ئاياللار بولۇپ ، تەخمىنەن 5 مىليوندىن 8 مىليونغىچە ئۇيغۇر بىگۇناھ تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ۋە مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئاتېئست  خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا, تۇغماسلىق ۋە تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسىمىلاتسىيە قىلىپ يوقتىشقا ئۇرۇنماقتا.لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ئاياللارغا ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە باسقۇنچىلىق قىلىش، كىچىك ياشتىكى ئوغۇل- قىزلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ تەربىيلەش ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇش، قاماققا ئېلىنمىغان ئۇيغۇرلارنىمۇ چەت ئەللەردىكى ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن ۋە ئۇمۇمى يۈزلۈك ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىشتىن چەكلەش، مەسچىتلەرنى چېقىش ياكى بەزمەخانىلارغا، مۇزېيخانىلارغا ئايلاندۇرۇش، قۇرئان كەرىم، دىنى ۋە مەدەنىيەتكە ئائىت كىتابلارنى كۆيدۈرۈش، ئىسلامغا ۋە ئىسلامىي قىممەت قاراشلارغا ھاقارەت قىلىش، ئىسلامىي ۋە مۇسۇلمانلىقنى نامايەن قىلىدىغان كىيىم – كېچەكلەرنى چەكلەش، خىتاينىڭ مەدەنىيىتىنى، مەكتەپلەر ۋە ھەر خىل مەجبۇرىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق  زورلاپ تېڭىشتىن ئىبارەت بۇ قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق تەشكلاتلىرىنى، ژۇرنالىستلارنى ۋە پائالىيەتچىلەرنى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ قېلىشىدىن چەكلەپ دۇنياغا تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا.

بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پۈتۈن دۇنيادىكى بۇ دەۋرنىڭ ئىنسانىيەت مەسىلىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش، ئىسلامىي پرىنسىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئۈنۈملۈك ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئۈچۈن مۇھىم تەكىلىپ – پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خۇلاسە دوكىلاتىدا ئابدۇسالام ئالىم، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسلىسىگە ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىگەنلىكىنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرنى، شۇنداقلا ھەر قايسى تەشكىلات – ئورگانلارنى بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنى ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى، شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىگە جىددى قاراشنى، يىغىن – كېڭەشلەردە كۈنتەرتىپنىڭ مۇھىم نوقتىسى قىلىشنى ۋە خىتايغا بېسىم ئىشىلتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button