خەۋەرلەر

تۈركىيە بىلەن قازاقىستاننىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ 50-قېتىملىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى نېمىدىن بىشارەت بېرىدۇ؟

14-ئىيۇن كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ 50-قېتىملىق يىغىنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىندا 47 دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيبلەش باياناتىغا ئىمزا قويغان ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچېلېتنى ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.

2021-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ب د ت دا ئىمزالىق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە ۋە كانادا قاتارلىق 43 دۆلەتنىڭ ئىچىدە تۈركىيەمۇ ئورۇن ئالغان ئىدى. ئەمما بۇ يىلقى ئەيبلەش باياناتىغا تۈركىيە ئىمزا قويمىغان بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى ئايرىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيبلىگەن. قازاقىستان تۇنجى قېتىم بۇ توغرىلىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۈتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر ۋە خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە ئىككىلىنىش بار. تۈركىيە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشىنى، مەبلەغ سېلىشىنى كۈتىۋاتىدۇ. شۇڭا تۈركىيە بۇ خىلدىكى خىتاينى ئەيبلەيدىغان باياناتلارغا ئىمزا قويمايۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەدىكى خەلق ئاممىسىدىن ۋە خەلقئارادىن كەلگەن بېسىم تۈپەيلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئارىلاپ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى دەپ قويۇۋاتىدۇ. ئىلگىرى تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ خىتايغا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قارشى تۇرمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ 50-قېتىملىق يىغىنىدا تۈركىيە 47دۆلەت ئىمزا قويغان باياناتقا ئىمزا قويماي، ئۆز ئالدىغا بايانات بېرىپ قويدى، دەپ ئويلايمەن.»

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ 50-قېتىملىق يىغىنىدا گوللاندىيەنىڭ ب د ت تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پائۇل بېككېرس باشچىلىقىدا تەييارلىنىپ 47 دۆلەت قول قويغان ئەيبلەش باياناتىغا قازاقىستان قول قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما ب د ت دا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئېلىشى نېمىنىڭ بىشارىتى؟

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قازاقىستان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغاچقا بۇنداق مەسىلىلەرگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. ئىككىنچىدىن، يېڭى ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن قازاقىستاننىڭ تاشقىي سىياسىتىدە جانلىنىش پەيدا بولدى. قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېفنىڭ سان-پېتىرسبۇرگدىكى يىغىندا قىلغان سۆزىدە ‹ئۇكرائىنادىكى ئىككى يەرلىك ھۆكۈمەتنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى› نى بايان قىلىشىمۇ زور بىر جاسارەت. بۇنىڭغا قارىغاندا قازاقىستاندا يېڭى تاشقىي سىياسەت يولغا قويۇلغاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قازاقىستان ئوتتۇرىغا قويۇشنى باشلاپ بەرسە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىمۇ ئاستا-ئاستا ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلايدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

تۈركىيەنىڭ ئەرزىنجان ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئاينۇر نوگايېۋا خانىم بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن يېڭى ھۆكۈمەت ئىچكىي ۋە تاشقىي سىياسەتتە بەزى ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى بەزى ئىسلاھاتلىرى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. مەنچە، بۇ توقايېف ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تاشقىي سىياسىتىنىڭ بىر بىشارىتىدۇر.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ 50-قېتىملىق يىغىنىدا خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيبلەپ ئاۋاز بەرگەن دۆلەتلەرگە ئىسرائىلىيە ۋە ئافرىقادىكى لىبېرىيە، ئېسۋاتىنى قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتمۇ قېتىلغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئەركىن تارىم

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button