پائالىيەتلەر

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13 – يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدا زور نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۇنىڭدىن 13 يىل ئىلگىرى يەنى 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى شەھرىدە تىنچلىق بىلەن ئادالەت تەلەپ قىلىپ نامايىش ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلارغا ئوق چىقىرىپ نامايىشنى قانلىق باستۇرغان ئىدى، بۇ ۋەقەنىڭ  13 – يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسى ئالدىغا جەم بولۇپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر –  ئايال ۋە ياش – ئۆسمۈرلەر بولۇپ مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا، ”ئىشغالچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىپ كەت“!، ”ھەق- ھوقۇق  ئادالەت ئۇيغۇرلارغا ھۆررىيەت“! دېگەندەك خىتايغا قارشى ھەر خىل شۇئارلار توۋلىدى.

بەزى نامايىشچىلار، تۇتقۇن قىلىنغان ۋە قىيىن قىستاققا ئېلىنغان  ئۇيغۇرلارنى تەسۋىرلەپ، ئاق كىپەننى كىيىپ ئۈستىدە قان تامچىۋاتقان، يۈزلىرىدە كۆك ماسكا ، ئاغىزلىرى ئىتىلگەن، قوللىرىدا كويزا، پۇتلىرى كىشەنلەنگەن كۆرۈنۈشلەرنى نەخ مەيداندا نامايەن قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇمىنى ئىپادىلىدى، بۇ كۆرۈنۈشلەر ئاخباراتچىلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىپ سىنغا ئېلىندى ۋە بەس – بەستە رەسىمگە تارتتى.

نامايىش جەرىيانىدا ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلىندى. باياناتنى نامايىشچىلارغا ۋاكالەتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى  شۇنداقلا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئوقۇپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە ئالدى بىلەن بۇ نامايىشنى ئېلىپ بېرىشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن 13 يىل ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدە يۈز بەرگەن قەتلىئامنى خاتىرلەش، شېھىتلەرنى ئەسلەش ۋە داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن چاقرىق قىلىش مەقسىتىدە بۇ يەرگە جەم بولدۇق. ئۈرۈمچى قەتلىئامى، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ، ئاسىمىلاتسىىيە ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئەڭ ئوچۇق ئەمەلىي مىساللىرىدىن بىرى، خىتاي ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇتىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتاندا  ئېغىر دەرىجىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتىدۇ، خەلقئارا قىممەت قاراشلارنى كۆزىگە ئىلماستىن، كىشلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈن بۇ يەردىن ، پۈتۈن دۇنياغا ”ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلما“ دېگەن شۇئار بىلەن نىدا قىلىمىز، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا سادىر قىلىۋاتقان بارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشى ۋە ئىتىراپ قىلىشى شۇنداقلا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقرىق قىلىمىز.دېدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مۇنداق دېدى:  5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك بەدەل تۈلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، خەلقنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: 14 – ئىيۇن كۈنى تۈركىيە ۋە قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 دىن ئارتۇق دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك جىنايىتىنى ئەيبلىدى ۋە  ب ت د دىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكىلاتىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ مەجبۇرىي قۇللۇق ئەمگەك بىلەن ئىشلەپ چىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى 21 – ئىيۇندىن باشلاپ ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلىشىنى چەكلىدى. باشقا بەزى دۆلەتلەرمۇ ئوخشاش قەدەملەرنى بېسىشقا يۈزلەندى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئون نەچچە دۆلەت پارلامېنتىدا ئېتىراپ قىلىندى. يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى تەكلىپنى قوبۇل قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي خەلقئارا سەھنىدە زۇلۇمنىڭ، ئىرىقچىلىقنىڭ، ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ، قۇللۇق ئەمگەكنىڭ ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ سىمۋولىي بولۇپ قالدى ۋە كۈندىن كۈنگە قانۇنىي ئېتىبارىنى يوقاتماقتا.

بىز شەرقىي تۈركسىتانلىقلار ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۈگۈن بۇ يەردە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، خەلقئارا ئورگانلارغا، دۆلەتلەرگە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋە دۇنيا جامائىتىگە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا سادىر قىلىۋاتقان پۈتۈن جىنايى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش، ئېتىراپ قىلىش ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقرىق قىلىمىز. خىتاينىڭ دۇنيا ئۈچۈن چوڭ بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى جاكارلايمىز ۋە دۇنيانى خىتاي ۋىرۇسىغا قارىغاندا تېخىمۇ ۋەھىمىيلىك بۇزغۇنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئاگاھلاندۇرىمىز.

نامايىش جەرىيانىدا سۆز قىلغان ئالپەرەن يەسىۋىي تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كۇرشات مىجان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيبلىدى ۋە ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنى قوللاپ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى ئىپاىدىلىدى.

نامايىشتا يەنە شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە ئۇيغۇرلار ھازىر دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەرەب تىلىدا خىتاپ قىلدى، ئۇنىڭ نۇتىقى ئەلجەزىرە تىلىۋېزىيە قانىلىدىن ئىسلام دۇنياسىغا نەخ مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

نامايىش جەرىيانىدا شەرقىي تۈركسىتان كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى سۆز قىلىپ، ئۈرۈمچى قەتلىئامى توغرىسىدا توختالدى ۋە خىتاينىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا ئوق ئېتىپ قان تۆككەنلىكىنى تەكىتلدى ۋە قاتتىق ئەيبلىدى. ئۇ ئۈرۈمچى قەتلىئامىنى، “ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى“ دېگەن نام بىلەن تارىخنىڭ قارا بېتىگە يېزىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button