خەۋەرلەر

مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ: «ئۆز يۇرتلىرىدا ھېيت ئۆتكۈزەلمىگەن شەرقىي تۈركسىتانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيمىز!»

بۇ يىللىق قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىمەكتە. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ 9-ئىيۇل شەنبە كۈنى قۇربان ھېيتىنى كۈتىۋالدى.

قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى،  يەنى 10 – ئىيۇل كۈنى تۈركىيە كۈچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سولايمان سويلۇ، مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاكلى، ئىستانبۇل ۋالىيلىقىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مەھمەت ئالى ئۆزيىگىت، ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زافەر ئاقتاش، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ساۋاش ئۈنلۈ، ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بايرام يالىنسۇ ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، تۈركمەن، تاتار قاتارلىق تۈرك دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسىم ئەزالىرى قاتناشقان. تەكلىپكە بىنائەن ئۇيغۇرلاردىن 100 گە يېقىن كىشى بۇ ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلغان.

پائالىيەتتە خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بويىچە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ھېيىتلىشىش ئىمكانىيىتىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بەش يىلدىن بۇيان ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتىمىز، ھېيتلىشالمايۋاتىمىز، شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلار ھېيتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىدى، خەلقىمىز ھېيت-بايرملارنى، قۇربانلىق ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشتىن مەھرۇم قىلىندى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيەدە ھېيتلىشىش پروگراممىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىزنى دەۋەت قىلغان ھۆرمەتلىك ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرىغا رەھمەت ئېيتىمىز، بىزگە تۈركىيەدە مەيلى خەلق بولسۇن، مەيلى دۆلەت بولسۇن، قېرىنداشلىق مۇئامىلىسى قىلىۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭ ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.»

ھېيتلىشىش پائالىيىتىدە سۆز قىلغان تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، پۈتكۈل مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئۆز يۇرتلىرىدا ھېيت-بايراملىرىنى تەبرىكلىيەلمەيۋاتقان، ھېيت-بايرام تەنتەنسى قىلالمايۋاتقان شەرقىي تۈركسىتانلىق قېرىنداشلىرىمىزدىن تارتىپ ئىراقتىكى تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزغىچە، پۈتۈن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇربان ھېيتىنى ئايرىم – ئايرىم  تەبرىكلەيمىز!» دېدى.

مىنىستىر سۇلايمان سويلۇنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا 6 مىليون 200 مىڭ، فېيسبۇك سەھىپىسىدە 1 مىليون 300 مىڭ ئەگەشكۈچسى بار بولۇپ، مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ يوقۇرىقى ھېيت تەبرىكلىرىنى ئۇيغۇرلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە رەسىملىرى بىلەن قوشۇپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سەھىپىسىدە تارقاتقان. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ھېيتلىق تەبرىكىنى ھەمبەھلەپ، ئىجابىي پىكىر-ئىنكاسلارنى قايتۇرغان.

مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ سۆزىدە يەنە تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن مۇساپىرلارغا ۋىجدان ۋە شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ، تۈركىيە قانۇنسىز ۋە قاچاق كۆچمەنلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنى ۋىجدان ۋە كۈيۈمچانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىدە تۈركىيەنىڭ ئۈستىدە ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋە يۈك بار، مىليونلىغان ئىنسان كۆچمەن بولۇپ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولدى، ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، بالىلىق دەۋرىنى، ئەجدادلىرىنىڭ توپراقلىرىنى سېغىنىپ يۈرەكلىرى ھەسرەتكە تولدى.»

مىنىستىر سولايمان سويلۇ كۆپچىلىككە يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوللىغان ھېيتلىق تەبرىك ۋە تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ بىلەن ئېلىپ بارغان ھېيتلىشىش پائالىيىتى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ھېيتىلىشىش پائالىيىتى كۆڭۈللۈك بولدى، تۈركىيەدە، بولۇپمۇ بىزدەك مۇھاجىرەتتە غېرىبلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان بىر خەلققە نىسبەتەن دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھېيت-بايراملاردا بىزنى يوقلىشى، بىزگە مېھر-شەپقىتىنى كۆرسىتىشى، مەنىۋىي جەھەتتىن كۆڭلىمىزنى كۆتۈردى.»

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ قېتىملىق ھېيتلىق ئۇچرىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرىغا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. بىز يەنە بۇ ھەقتە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ھېيىتلىشىش پائالىيىتىگە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە شۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە تۈركىيەدىن ئىبارەت ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان دۆلەتنىڭ ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button