پائالىيەتلەر

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە جەم بولدى

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە جەم بولدى

بۇ يىلقى قۇربان ھېيتنىڭ 3 – كۈنى يەنى 11 – ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا قۇربان ھېيت تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت زەيتىنبۇرنۇ ساھىلىدىكى كازلىچەشمە كۈلتۈر سەنئەت مەركىزىنىڭ مەيدانىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال، ياش ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى جەم بولدى.

پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيتلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى، ئۇ سۆزىدە بىر داستىخانغا جەم بولۇپ ھېيتلىشىشنىڭ قېرىنداشلىق رىشتىسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە ئىسلامىي كىملىكى، ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە  قىممەت – قاراشلىرىنى يوقاتماسلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى  .

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىپ مەيدانغا لىق تولغانلىقىنى كۆرۈپ سۆيۈنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «بۇ، بىرلىكىمىز، ئىجتىمائىي ھاياتتا كۆرسەتكەن بىرلىكىمىزدۇر.  بۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي ئىستىقبالىمىز، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى، ئېتنىك، سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئەخلاقى، مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەت قىممەتلىرىنى قوغداشتا بىر سەپ بولالايدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيدىغان بىرىنچى قەدەم».

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمىلەردە، لاگېرلاردا زۇلۇم چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلاردىن ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى خاتىرىلەتتى ۋە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ بىر ۋەكىلى، بىر ئەلچىسى بولۇپ بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللا شاھيار سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەشنى بىر ئويۇن – تاماشا دەپ قارىماستىن بەلكى ئۆز – ئارا ياردەملىشىش ۋە ئىبادەت دەپ بىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دوكتۇر ئاتاۋۇللا  شاھيار سۆزىدە يەنە قۇربان ھېيتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مىللىي بايرىمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:« قۇربان ھېيت بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىڭ يىللاردىن بىرى بىزنىڭ مىللىي پۈتۈنلۈكىمىزگە، مىللىي كىملىكىمىزگە ئورناپ كەتكەن بىر بايرىمىمىز بولۇپ،  بۇ ھەم بىر ئىبادەت، ھەم مىللىتىمىزنىڭ بىرلىكتە مىللىي ئۆرۈپ – ئادەتلىرىمىزنى، مىللىي كىملىكىمىزنى ياشنىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر پائالىيىتى».

  ئۇ سۆزىدە يەنە قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قۇربانلىق قىلىش ئەڭ قىممەتلىك مال – مۈلكىمىزنى ئاللا يولىدا پىدا قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئاللاغا يېقىنلىشىشنى ئىزھار قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ».  

 كېيىن ياش ئۆسمۈر بالىلار سەھنىگە چىقىپ قۇربان ھېيتقا مۇناسىۋەتلىك شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى.

پائالىيەتكە قاتناشقان يەسەۋىي ئالپەرەنلەر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كۇرشات مىجان، تۈرك ژۇرنالىست خالىس ئۆزدېمىر قاتارلىقلار سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە قوشۇمچە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنى قوللاپ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

ھېيتلىشىش پائالىيىتى جەريانىدا جامائەت ئەربابى  ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بۇ يەردە ھېيتلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار يىغىلغان بىر كۈن، لېكىن، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا خەلقىمىز، قېرىنداشلىرىمىز زۇلۇمغا ئۇچراپ تۈرمىنىڭ ئىچىدە، لاگېرلاردا ئازاب چېكىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۈگۈن بۇ خۇرسەنلىك كۈندە بىزنىڭ كۆڭلىمىز يېرىم بولۇۋاتىدۇ». 

ئۇ سۆزىدە بۈگۈن ھېيتنى تەبرىكلەشتىن ئىبارەت خۇشاللىق كۈن بولسىمۇ قېرىنداشلىرىمىز زۇلۇم چېكىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بىز خۇشال بولالماي كۆڭلىمىز يېرىم بولۇۋاتىدۇ، دېدى.

پائالىيەت جەريانىدا ياش – ئۆسمۈرلەرنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ھېيتلىق ھەدىيە تارقىتىلدى.

پائالىيەت ئاخىرىدا  بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيەسى ۋە رەھبەرلىرى توغرىسىدا سوئال – جاۋابلىق زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. سوئاللارغا توغرا جاۋاب بەرگەنلەرگە نەق پۇل بىلەن مۇكاپات تارقىتىلدى.

پائالىيەت تاماق زىياپىتىدىن كېيىن خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button