پائالىيەتلەر

جىددىي نامايىشقا چاقرىق

جىددىي نامايىشقا چاقرىق

ئەزىز مۆھتىرەم خەلقىمىز!

ھەممىمىزگە مەلۇم بولىۋاتقاندەك شەرقىي تۈركسىتاندىكى خەلقىمىزگە زۇلۇم ئۈست ئۈستىلەپ كېلىۋاتىدۇ. خەلقىمىز مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر خىل شەكىلدە كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. بىز ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركسىتانلىق قېرىنداشلىرىمىز بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ زۇلۇم ئاستىدا  تارتىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ پەريادلىرىغا قولاق سېلىش، ئۇلارنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، بىز ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.

11 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ئونلىغان قېرىنداشلىرىمىز شېھىت بولدى. خىتاي ۋىرۇسىنى باھانە قىلىپ خەلقىمىزنى ئۆيلەرگە قاماپ قويۇپ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىۋاتقان  باش جاۋاپكار ئىشغالچى زالىم خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قامال سىياسىتىگە قارشى غەزەپ – نەپرەتلىرىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە بايانات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى، زالىمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپچانلىق بىلەن قاتنىشىشقا چاقرىق قىلىمىز.

ۋاقتى: 2022- يىلى 11 – ئاينىڭ 26 – كۈنى شەنبە كۈنى سائەت: 14:00 تە

ئورنى: خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسى ئالدىدا

ھۆرمەت بىلەن:

خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button