ئىستانبۇلدا تارىختىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھىۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

12-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا تارىختىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنىدا سۆز قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئاتىلىرىمىز جاسارەت بىلەن شۇ ۋاقىتنىڭ قىيىن ۋە مۇرەككەپ شەرت – شارائىتىدا كۈرەشنى جىددىي بىر شەكىلدە يەكۈنلەپ، تېزدىن بىر دۆلەتنى قۇرۇپ ئېلان قىلىشنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە 1933-يىلى شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئۇلار بۇ دۆلەتنى قۇرۇشتا ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى بىلەن بەدەل تۆلىگەن ھەمدە شېھىتلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن.»
مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خاتىرىلەش يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى.
يىغىن شېھىتلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا سۆز قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئالدى بىلەن تارىختا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ مۇستەقىللىق يولىدا ھاياتىنى پىدا قىلغان بارلىق شېھىتلارنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، تارىختا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنى جامائەتكە ئەسلىتىش، شۇنداقلا ياش ئەۋلادلارغا شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلدى.
يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام، شەرقىي تۈركسىتان دېگەن بۇ نام ۋە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق سىمۋۇلى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
يىغىندا سۆز قىلغان جامائەت ئەربابىي ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاننى ئىشغال قىلغان 73 يىلدىن بۇيان، ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يوقىتالمىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يوقىتالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
قەھرىمان ماراش سۈتچىئىمام ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا، 1933 – يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى شۇنداقلا مەرھۇم سابىت داموللام قاتارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ شۇ دەۋردە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلماي تۇرۇپ ئىنساننىڭ جېنى، مېلى، نەسلى، دىنى-ئىتىقادى ۋە ئىدىيە-تەپەككۇرى قاتارلىق بەش تۈرلۈك ئاساسىي ئامىلنىڭ بىخەتەرلىك كاپالەتكە ئىگە بولمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
12 – نويابىر كۈنى يەنە مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركسىتان ۋەخىپىدە، تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئابدۇلھەمىت ئاۋشار سۆز قىلغان. ئۇ 1933 – يىلى قەشقەردە، 1944 – يىلى غۇلجادا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتكەن.





















مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش