خەۋەرلەر

خىتاي ساقچىلىرى ئىلھام توختىنى ئامېرىكىغا كېتىشىگە روخسەت قىلمىدى

ئىندىئانا ئۇنىۋېرىستىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 2 ‏- فېئوۋرال  ئامېرىكىغا مېڭىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئۇيغۇر زىيالى ئىلھام توختى ئەپەندى بېيجىڭ ئايرىدۇرۇمدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان ۋە 10 سائەت سوراق قىلىنغان سوراق جەرىيانىدا يىمەك – ئىچمەك ياكى سۇ بېرىلمىگەن ھاجەتخانىغا بېرىشغىمۇ روخسەت قىلىنمىغان. سوراق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتۇرۇلغان. 

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە ئىلھام توختى ئامېرىكىدىكى ئىندىئانا ئۇنىۋېرىسىتىدە بىر يىللىق ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلنغان بولۇپ ئۇ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ يولغا چىققاندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچىراپ ئامېرىكىغا بارالمىغان. 

ئىلھام توختى مەركىزى مىللەت ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ مەشھۇر ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىش بىلەن خىتايلارنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ ئىدى. 

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close