ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىنىڭ 24-نويابىر ئۈرۈمچىدىكى ئاتالمىش يۇقۇم باھانىسى بىلەن، ئۆيلىرىگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق بىناسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ۋە خىتاي رېجىمىنىڭ شۇنچە نالە-پەريادلارغا، چاقىرىقلارغا پىسەنتمۇ قىلىنماستىن، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى سەۋەبلىك كۆيۈپ قازا قىلغان ۋە 40 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن قەبىھ جىنايىتىگە ۋە نۆۋەتتىكى ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى 26-نويابىر خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، قوللىرىدا ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ، نارەسىدە بالىلارنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن پىلاكات ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرگەن خەلق «ئۈرۈمچى يانماقتا، قامال توختىتىلسۇن»، «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق»، «خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ھېسابى سورىلىدۇ» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.

نامايىش شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى مۇھەممەد ئەمىن قارىمنىڭ خىتاي تەرىپىدىن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قىلغان قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدىن ئۈرۈمچىدە ئېچىنىشلىق شېھىت قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ سۆزىدە 73 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئۇنىڭ بىر كۈنمۇ توختاپ قالماستىن ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرى، يېقىنقى بەش-ئالتە يىلدىن بۇيان پۈتۈن دۇنيا كۈنتەرتىپىدە تۇرۇۋاتقان جازا لاگېرلىرى سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ جىنايەتلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن ب د ت قاتارلىق نوپۇزلۇق خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى، مۇشۇنداق بىر پەيتتىمۇ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى قىلچىلىك توختاتماستىن، ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا خەلقنى ئۆيلىرىگە ۋە ئىنتايىن ناچار شارائىتلاردىكى ئاتالمىش «كارانتىن مەركەزلىرى»گە قاماپ يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئىشىكلىرى كەپشەرلەنگەن يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئاچلىقتىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە ھېچقانداق بىر دۆلەتتە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ جىنايەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە ئۈرۈمچىدە بۇ پاجىئەلىك جىنايەت يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇنى ھەرگىزمۇ نورمال ئوت ئاپىتى دەپ ئاتاشقا بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئىشىكلىرى كەپشەرلەنگەن ھەمدە سىملار بىلەن تاقاپ سولاپ قويۇلغان ۋە ئوت ئاپىتى جەريانىدىكى ئېچىنىشلىق نالە-پەريادلارغىمۇ قۇلاق سالماستىن ئۇلارنى قۇتقۇزمىغان، ئىشىكلىرىنى ئېچىۋېتىپ سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىغان ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىنىڭ قەستەن قىرغىن قىلىش جىنايىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى ئىرادىسىنى سۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ھەرگىز بۇ رەزىل مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ جىددىي بىر ھەيئەت تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام نامايىش جەريانىنى نەق مەيداندىن تارقىتىۋاتقان ئەلجەزىرە قانىلى ئارقىلىق ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا خىتاب قىلىپ، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزلىگەن بارلىق مەزمۇنلار ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مېيىتلارغا جىنازا نامىزى ئوقۇش چاغلىق، ئۇلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش چاغلىق ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقىنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكىنى، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكتە قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە يېتىپ ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىش شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئالىملىرىدىن ئاتاۋۇللاھ خەلپەتھاجىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە كۆيدۈرۈپ شېھىت قىلىنغان ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي تەرىپىدىن ھازىرغىچە شېھىت قىلىنغان بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاخىرەتتە ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتە بولۇشى ۋە خىتاينىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالار بىلەن ئاخىرلاشتى.

نامايىشتىن كېيىن تارقالغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلار يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى شۇ كۈنى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن سەفاكۆيدىكى فاتىھ جامەسىدە ئۈرۈمچىدىكى پاجىئەدە شېھىت بولغانلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان غايىبانە جىنازا نامىزى ۋە دۇئا پائالىيىتىگە قاتناشتى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ، ئى. ئۆتكۈر

ئىستىقلال خەۋەر

Exit mobile version