خەۋەرلەر

ئانىسى ۋە تۆت قېرىندىشى ئوت كېتىشتە ئۆلۈپ كەتكەن ئاچا – ئىنىلار دۇنيانىڭ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى

ئۈرۈمچىدە 24 – يانۋار كۈنى  يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ۋەقەسىدە ۋاپات بولغانلار ئۈچۈن 1- دېكابىر پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچىدە  يۈز بەرگەن ئوت كېتىش ۋەقەسىدە  خىتاينىڭ ئۆيلەرگە قاماپ قويۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن بىنادىن چىقالماي ھاياتىدىن ئايرىلغان  كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئانىسى ۋە تۆت قېرىندىشى ۋاپات بولغان مۇھەممەد مەمەتئېلى ۋە شاراپەت مەمەتئىلىمۇ سۆز قىلىپ،  دۇنيانىڭ   خىتاينىڭ  ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىغا سۈكۈت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا كۆپ ساندا تۈركىيە ۋە چەتئەل تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشقان بولۇپ، يىغىنىدا مۇھەممەد مەمەتئېلى 2016 – يىلىنىڭ بېشىدا ئاچىسى شاراپەت بىلەن تۈركىيەگە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئائىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن دادام مەمەتئېلى مەمەتنىياز ۋە چوڭ ئاكام ئىلياس رەھىم تۈرمىگە قاماپ قويۇلغانىدى. بۇ ئوت كېتىش ۋەقەسىدە مېنىڭ ئانام قەمەرنىسا ۋە تۆت قېرىندىشىم ئۆلۈپ كەتتى، مېنىڭ ئۇ يەردە يەنە ئىككى قېرىندىشىم بار، ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى تەلەپ قىلىمەن، خىتاي ھاكىمىيىتىدىن بۇ ئوت كېتىش ھادىسىسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. ئوتنى تىزلا ئۆچۈرۈۋېلىش شارائىتى بولسىمۇ 3-4 سائەت داۋاملاشقان ئوت ئاپىتى  نېمە ئۈچۈن ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلمىگەنلىكىنى سورايمەن، تېخىچە تۈرمىگە قاماقلىق بولغان دادام مەمەتئېلى مەمەتنىياز ۋە ئاكام ئىلياس رەھىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشنى تەلەپ قىلىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھېچ قانداق ئىز- دېرىكىنى ئالالمايۋاتقان ئىككى قېرىندىشىم ئەنەس مەمەتئېلى ۋە مەتنىياز مەمەتئېلىنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىشنى، ئۇلارغا دائىر مەلۇمات ۋە يىپ ئۇچىغا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە  پۈتۈن دۇنيانىڭ ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىمەن».

شاراپەت: «ئانام ۋە قېرىنداشلىرىمنى دەپىنە قىلىشقىمۇ قاتنىشالمىدۇق»

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان شاراپەت مەمەتئېلى «ئوت كېتىش ۋەقەسىدە كۆيۈپ كەتكەن ئەڭ كىچىك قېرىندىشىمنى توغۇلغاندىن بۇيان ھېچ كۆرۈپ باقمىغانىدىم، 11 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئانامنىڭ ۋە تۆت قېرىندىشىمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئالدىم، خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۆتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ھېچ قانداق ھەرىكەتكە ئۆتمىدى، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى ۋە دوختۇرخانا شۇنداق يېقىن تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن ۋاقتىدا كېلىپ ئوتنى ئۆچۈرمىدى؟ ئانامنى ۋە قېرىنداشلىرىمنى دەپىنە قىلىشقىمۇ قاتنىشالمىدۇق. مۇسۇلمانلارغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا شۇنى چاقىرىق قىلىمەنكى، ئۇ يەردىكى ئۆلگۈچىلەر مېنىڭ ئەمەس بەلكى سىلەرنىڭ ئائىلەڭلار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى، بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلماسلىقىڭلارنى، ئاۋازىمىزغا ئاۋاز قوشۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىمەن»، دېدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئادۋوكات رەسۇل دەمىر ئەپەندى  مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركسىتاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئوزۇقلىنىۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، «يۇقۇمنى نۆلگە چۈرۈش» سىياسىتى نامىدا نۇرغۇن ئىنسانلارنى ئۆيلىرىگە سۇلاپ ئۆلۈمگە تاشلاپ قويدى، تۆت ئايدىن بۇيان ئۆيلىرىگە قامىلىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئاچلىق ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەرگە دۇچار بولۇپ ھايات قېلىش ئۈچۈن مۇجادىلە قىلماقتا. بۇ قېتىم ئۇيغۇرلار   24 – نويابىر كۈنى كۆپلىگەن كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئوت كېتىش ۋەقەسىگە دۇچ كەلدى. ئۇ رايوندىكى يەرلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى 3 سائەت كېچىكىپ كەلگەن ۋە ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەن. خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى بەش دائىمىي ئەزانىڭ بىرى بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ب د ت خەلقئارالىق بىر ئېمبارگو يۈرگۈزەلمەيدۇ، ب د ت قارمىقىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالمايدۇ، ئاخبارات ئورگانلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى توغرىسىدا كېرەكلىك خىزمەتلەر ئېلىپ بارالمايۋاتىدۇ، بىز ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش بۈگۈن ۋە كەلگۈسىدىمۇ مەزلۇملارنىڭ يېنىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز».

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بۇ ئوت كېتىش ۋەقەسىدىن ئىبارەت ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى ۋە «باشتا تۈركىيە قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدىن مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دەپ تەكىتلىدى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button