ئاخبارات يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ب د ت ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقرىق قىلىندى

ئاخبارات يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ب د ت ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقرىق قىلىندى
9 – دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى فاتىھ جامىئىنىڭ مەيدانىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى شەرقىي تۈركسىتاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقرىق قىلىندى.
بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىلەن ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى ياشلار بۆلۈمى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان بولۇپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى باش كاتىپى دۇرمۇش ئايدىن ئەپەندى، خىتاينىڭ يىغىلىۋېلىش لاگىرلىرى توغرىسىدا توختىلىپ خىتاي ھاكىمىيىتى 2017 – يىلىدىن بۇيان 1200 دىن ئارتۇق يىغىلىۋېلىش لاگىرلىرىدا 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: خىتاي زۇلۇمىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى ئۇچۇق ئاشكارا ئىرقىي قىرغىن قىلىش بولۇپ قالدى. بىز بۇ يەردە ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە تۇڭگان قاتارلىق دىنى ئىتىقادلىق خەلقلەرنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە پۈتۈنلەي يوقىتىشنى نىشان قىلغان خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن جامائەت پىكىرى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىمىز.
دۇرمۇش ئايدىن ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە، يول ۋە ئۆيلىرىگە بىكىتىلگەن كۈزىتىش ئاپپاراتلىرىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي ئىلغار تېخنىكىلىق ئىز قوغلاش ۋە كۈزىتىش سېستىمىلىرىنى دەرھال بىكار قىلىشى كېرەك، شەرقىي تۈركسىتاندا قۇرۇلغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ئىچىگىچە كىرىپ كۈزىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىلغار تېخنىكىلىق كۈزىتىش ئاپپاراتلىرىنى دەرھال توختىتىشى ۋە كوچىمۇ – كوچا، ئۆيمۇ – ئۆي كۈزىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان 1400 دىن ئارتۇق بىخەتەرلىك كۈزىتىش شىركەتلىرى ئۇ رايوندىن چىكىنىپ چىقىشى كېرەك. خەلقئارا جامائەت ئاممىسى بۇ ھەقتە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىپ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى تىزدىن توختىتىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىشى كېرەك».
دۇرمۇش ئايدىن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلسىدە تېخىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا، شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا تېخىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيمىز، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان جازا لاگىرلاردىكى ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى كېرەك.
دۇرمۇش ئايدىن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ تىجارەتتىكى ئەڭ چوڭ شېرىكى ئىسلام دۇنياسىدۇر ، بۇ ئاساستا خىتايغا ئىقتىسادى ئېمبارگۇ يۈرگۈزۈشنىڭ تەسىرى كۈچىنى ئاددى چاغلىماسلىق كېرەك. ئىسلام دۇنياسى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى شەرقىي تۈركسىتاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆز يۇمماسلىقى كېرەك.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئۆزگۈر دەر جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن ھەمزە تۈركمەن ئەپەندى، «تۈركىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىكنى ۋە ۋىجدانىنى يوقاتمىغان ھەر بىر شەخس شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نىداسىغا ئاۋاز قوشۇشى كېرەك، دېدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشىلاتلار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن، ئىسلام دۇنياسىغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ، ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ماراكەشتە ئىدرىس ھەسەن ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستاندا بىر نەچچە ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرىماقتا، بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. پۈتۈن دۇنيادىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا شۇنى جاكارلايمىزكى، شەرقىي تۈركسىتانلىقلارمۇ ئىنساندۇر، ئۇ ئىنسانلارغا ئىگە چىقىڭلار، ئۇ يەردىكى زۇلۇمنى توختىتىڭلار، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى شەرقىي تۈركسىتان مەسىلسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
بۈگۈن 9 – دېكابىر جۈمە كۈنى تۈركىيەنىڭ خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى ياشلار شۆبىسى، قىزىلئاي ۋەخپى، ئاناتولىيە گەنچلىك جەمئىيىتى، تۈركىيە گەنچلىك ۋەخپى قاتارلىق 40 ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئوخشاش ۋاقىتتا ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.




ش. ت. مائارىپ تەتقىقات – تەشۋىقات مەركىزى