خەۋەرلەر

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋېتى بىلەن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتايغا ئىقتىسادىي ئېمبارگۈ يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋېتى بىلەن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتايغا ئىقتىسادىي ئېمبارگۈ يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى

10 – دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرىستىتىدە ئېچىلغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، كىشىلىك ھەق – ھوقۇقنى قوغداش» دېگەن تېمىدىكى يىغىندا ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتايغا ئىقتىسادىي ئېمبارگۈ يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

بۇ يىغىندا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم، ئىسلام دۇنياسىنى خىتاي بىلەن بولغان سودا – تىجارەت مۇناسىۋىتىنى كېسىشكە ۋە ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقرىق قىلدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئىسلام دۇنياسنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى، ئۆزلىرىگە ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلدى ۋە «ئىسلام جۇغراپىيەسى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سودا بازىرى ھېسابلىنىدۇ، ئىسلام دۇنياسى خىتاي بىلەن بولغان سودا – سېتىقنى توختاتسا خىتاي ئاجىزلايدۇ، ئىسلام دۇنياسى خىتايغا ئېمبارگۈ يۈرگۈزۈشى كېرەك، ئىسلام دۇنياسىدىكى دۆلەتلەر شەرقىي تۈركسىتاننىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىدە كونسۇلخانا ئېچىشى كېرەك»، دېدى.

بۇلەنت يىلدىرىم سۆزىدە يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئېچىشىقا چاقرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەردوغاننىڭ، تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى، شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا جىددى بىر يىغىن ئېچىشقا چاقىرىق قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز. خىتاي ئۆزىگە قارشى چوڭ بىر بىرلەشمە كۈچنى كۆرۈشى كېرەك. ئەگەر تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا 10 كۈن دىپلوماتىيە خىزمىتى ئېلىپ بارسا چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، خىتاي باشقىلار تەسەۋۋۇر قىلغاندەك كۈچلۈك ئەمەس، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۆيلەرنى جازا لاگىرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە ئايلاندۇردى، تۈركىيە ئۆزىدىكى كۈچ ئىمكانىيتىنى شەرقىي تۈركسىتان ئۈچۈن ئىشىلتىشى كېرەك.

بۇلەنت يىلدىرىم، تۈركىيەنى خىتاي بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى ئاتالمىش جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى بىكار قىلىشقا چاقرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: « تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 2017 – يىلى جىنايەتچىلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلدى، بۇ كېلىشىم تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن تەقدىردە شەرقىي تۈركىستانلىقلار خىتايغا قايتۇرىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋستىرالىيە ئوخشاش كېلىشىمنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىغانغا ئوخشاش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىشى كېرەك، بۇ كېلىشىم تۈركىيە پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمەسلىكى كېرەك».

يىغىندا، خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۇغۇر يىلدىرىم ئەپەندى، «شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنىڭ ھەل – چارىلىرى»، دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئەلچىخانا ئاچالمىغان تەقدىردىمۇ، ئىجتىمائىي ۋە سودا – تىجارەت ساھەلەردە ۋاكالەتچى تارماق ئىشخانىلارنى ئېچىشىنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز خىتاينىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇ يەردە ئىجتىمائى ۋە سودا – تىجارەت تارماق ئىشىخانلىرى ئېچىش توغرىسىدا، خىتاينىڭ قانۇن – تۈزۈملىرى جەھەتتىن ھېچ قانداق بىر چەكلىمە يوقلۇقىنى كۆرىۋالالايىمىز»

يىغىندا سۆز قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، تۈركىيە قاتارلىق پۈتۈن دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنىڭ ھەل – چارىلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە 10دەك دۆلەتنىڭ پارلامېنتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەسمى ھالدا ئېتىراپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توساپ قېلىش كېلىشىمنامىسىگە ئىمزا قىلغان دۆلەتلەر، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن، بۇ جىنايەتنى ئىجرا قىلىۋاتقان شەخسلەرگە قارىتا تېگىشلىك جازا يۈرگۈزۈش ۋە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يۈرگۈزىۋاتقان كىشىلەرنىڭ، ئادالەت سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلىشى ئۈچۈن، مەزكۇر دۆلەتلەر قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلىرىنى باسقۇچلار بويىچە ئىجرا قىلىشى كېرەك».

«شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ھوق – ھوقۇقنى قوغداش» دېگەن تېمىدىكى بۇ  مۇھاكىمە يىغىنى، فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرىستىتى، خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركسىتان كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش جەمئىيىتى، خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى قاتارلىق جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا ئاكادېمىك ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.

ئىككى بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركسىتان كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر ئەلى روزى، «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جەرىيانلىرى»، يېتىم ۋەخپىنىڭ رەئىسى مۇرات يىلماز «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ باسقۇچلىرى»، دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

ش.ت. مائارىپ ھەرىكىتى تەتقىقات- تەشۋىقات مەركىزى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button