پائالىيەتلەر

«شەرقىي تۈركىستان شېھىتلەر كېچىسى»دە شېھىتلەرنىڭ پىدارلىق روھىدىن ئۈلگە ئېلىش تەكىتلەندى

«شەرقىي تۈركىستان شېھىتلەر كېچىسى»دە شېھىتلەرنىڭ پىدارلىق روھىدىن ئۈلگە ئېلىش تەكىتلەندى

24- دېكابىر ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان شېھىتلەر كېچىسى»دە شېھىتلەرنىڭ ۋەتەن خەلىقى ئۈچۈن جېنىدىن ۋاز كېچىشتەك پىدارلىق روھىدىن ئۈلگە ئېلىش تەكىتلەندى.

«شەرقىي تۈركىستان شېھىتلەر كېچىسى» يىغىنىدا مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىم، مۇھەممەد سالىھ  ھاجىم، ئابلەت مەخسۇمھاجىم، ئابدۇلھەمىد داموللام قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھايات ئىش – ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان شېھىتلەر كېچىسى پائالىيىتىنى ئويۇشتۇرۇشتىكى مەقستى توغرىسىدا توختىلىپ، تارىختا ئۆتكەن بارلىق شېھىتلەرنى ئەسلەش ئارقىلىق ، ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىق ۋە ۋاپادارلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش  بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ جەڭگاھلاردا، ئىلىم – مەرىپەت باغچىسى مەكتەپلەردە، سىياسىي مەيدانلاردا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا شۇنىڭدەك ھەر ساھەدە كۈرەش قىلىپ ۋەتەن خەلقى، دىنى ئىتىقادى، ئىستىقلالى ۋە ئستىقبالى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ شېھىت بولغان قەھرىمانلارنىڭ ھاياتىنى ئۈلگە قىلىش، ئۇلارنىڭ پىداكار روھىنى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام، ۋەتەن خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن شېھىت بولغان قەھرىمان شېھىتلەرنى ئەسلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىلەرنى يېڭىلاش كېرەكلىكىنى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن جەم بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىن جەرىيانىدا يەنە ئابدۇشۈكۈر ھاجىم ئىسىملىك بۇۋاي «شېھىتلەرگە» ئاتاپ يازغان شېئىرىنى ۋە مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرنى ئوقۇپ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

يىغىندا سۆز قىلغان جامائەت ئەربابىي ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى تۈرمىلەرگە قاماپ، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قىيىن – قىستاقلارغا ئېلىپ خىتايلاشتۇرۇشقا ۋە قىرىپ يوقىتىشقا ئورنىۋاتقان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي ئىرادىسى، سىياسىي مەيدانىدىن ۋاز كەچتۈرەلمىگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋەخىپىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا شېھىت بولغان پۈتكۈل شېھىتلەرنى ئەسلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئېلىپ بارغان ئىش – ئىزلىرىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «ئۆزىمىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزنى بىلمىسەك بۈگۈنىمىزنى ياخشى بىر شەكىلدە ئىدراك قىلالمايمىز، چۈشۈنەلىمەيمىز، بىر مىللەت بىر خەلق ئۆتمۈشى، بۈگۈنكى ۋە كەلگۈسى بىلەن مەۋجۇت بولىدۇ، پۈتۈن شېھىتلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز، قىلغان ئىشلىرىنى ھەر ۋاقىت تەقدىرلەيمىز، ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ يولىغا مەشئەل قىلىمىز».

يىغىندا يەنە ياش – ئۆسمۈرلەر تەرىپىدىن شېھىتلەرنى مەدھىيلەپ ھەر خىل مەزمۇندا شېئىر دېكىلىماتىسيە قىلىندى. يىغىندا ئابدۇسالام تەكلىماكان يازغان «چۈنكى ئۇ شېھىت» دېگەن شېئىرىنى ئۇيغۇر ياش ئىبراھىم سىدىق سەھنىدە دېكىلىماتسىيە قىلىپ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

«چۈنكى ئۇ شېھىت»

زۇلۇمغا باش ئەگمەس، چۈنكى ئۇ شېھىت،

زالىمغا تىز پۈكمەس، چۈنكى ئۇ شېھىت،

ھەقتىن ھېچ ۋاز كەچمەس، چۈنكى ئۇ شېھىت،

مەزلۇمنى خار كۆرمەس، چۈنكى ئۇ شېھىت.

پىتنىگە قىلماستىن قىلچىمۇ پەرۋا،

ئەلەمگە، ھەسرەتكە قىلماستىن غەۋغا،

كۈتمەستىن ھېچكىمدىن ئەھدىگە ۋاپا،

مىللەتنىڭ غېمىن يەر، چۈنكى ئۇ شېھىت.

كېچىنى ئۆتكۈزەر ئۇيقۇدىن بىدار،

جەننەتتىن كۈتكەچكە ئۇ شانلىق دىدار،

خەلقكە باشپاناھ، ھەقىقەتكە يار،

مىللەتكە كۆيۈمچان، چۈنكى ئۇ شېھىت.

زالىمنىڭ زۇلمىنى يوقىتىشتۇر پەم،

زالىمغا بولمايدۇ مەڭگۈگىچە يەم،

زالىمنى يوقىتىش ئۇنىڭدىنكى غەم،

ھەق ئۈچۈن جان بېرەر، چۈنكى ئۇ شېھىت.

ۋەتەن ۋە دىنى ئۈنىڭ چۈن مۇھىم،

ئۇنىڭ چۈن خىزمەتنى قىلىدۇ دائىم،

ئۆزى ۋە مېلى چۈن يېمەيدۇ ۋايىم،

ئاللاھ چۈن جان بېرەر، چۈنكى ئۇ شېھىت.

ئازدۇرماق بولسىمۇ شەيتان يولىدىن،

يېقىتماق بولسىمۇ ئۇنى ئۇلىدىن،

ئاتەشكە ئاتسىمۇ ئۇنى غۇلىدىن،

ھەقتىن ھېچ تايمايدۇ، چۈنكى ئۇ شېھىت.

خەلقىگە مۇلايىم، زالىمدىن قورقماس،

ئىللىغان مېھرىگە ئۆز خەلقى قانماس،

نەپنى دەپ يولىدىن، غايىدىن تانماس،

جەڭگىۋار، مېھرىبان، چۈنكى ئۇ شېھىت.

خەلقىگە ئۆگىتەر ئەدلۇ – ئادالەت،

كۆرسىتىپ بۇ يولدا غەيرەت – جاسارەت،

خەلقىگە خىزمەتتە يولى پاراسەت،

ئىلىمگە تەشنادۇر، چۈنكى ئۇ شېھىت.

شېھىتنىڭ يولىدۇر، مۈشكۈل ۋە قېيىن،

ئىخلاسىڭ بولمىسا ھەممە بىر تىيىن،

توزغاققا ئايلىنار قىلمىشىڭ كېيىن،

رىيادىن ئۇزاقتۇر، چۈنكى ئۇ شېھىت.

يىغىن ئاخىرىدا پۈتۈن شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلدى.

ش.ت.مائارىپ ھەرىكىتى تەتقىقات- تەشۋىقات مەركىزى تەييارلىدى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button