خەۋەرلەر

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: خىتاي ئۇيغۇر تۈركلىرىنى بىزگە قايتۇرۇپ بەر دېسىمۇ قايتۇرۇپ بەرمەيمىز

ھەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە پارلامېنتىدا ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ كېيىنكى يىللىق خامچوتى مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ. 12-دېكابىردا تۈركىيە پارلامېنتىدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىللىق خامچوتىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا «خەلق دېموكراتىيەسى پارتىيەسى» پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قاتتىق ئەيىبلىگەندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇيغۇرلارنى خىتاي قايتۇرۇپ بېرىڭلار» دەپ تەلەپ قىلسىمۇ قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى مەزكۇر يىغىندا ئالدى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2022-يىللىق خىزمەت دوكلاتى بەرگەن. ئۇ دوكلاتىدا سۈرىيە، ئەزەربەيجان قاراباغ، پەلەستىن ۋە شىمالىي سىپرۇس مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ توختالغان. ئۇنىڭ دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن «خەلق دېموكراتىيەسى پارتىيەسى» نىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن مۇنداق دەپ سورىغان: «ھۆرمەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىز خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىڭىزنى دېگەندىن كېيىن، ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلار تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىدى. بۇ سىزنىڭ باياناتىڭىزنىڭ نەتىجىسىمۇ؟ بۇلاردىن سىرت ئۈرۈمچىدىكى ئوت كېتىش ۋەقەسىدە 10 ئۇيغۇر جېنىدىن ئايرىلدى. ئاچلىقتىن ئۆلگەن ئۇيغۇرلار بار. بۇنى خىتايدىن سورايمەن دېگەن ئىدىڭىز. خىتايدىن بۇ ھەقتە جاۋاب كەلدىمۇ؟»

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلىنىڭ بۇ سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى بىز ھەر دائىم قوغدايمىز، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلاردا بولسۇن ۋە باشقا سورۇنلاردا بولسۇن داۋاملىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچىدىكى ئوت كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. خەلقئارا سورۇنلاردىمۇ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ قوللاۋاتىمىز. خىتاي ئۇيغۇر تۈركلىرىنى بىزگە قايتۇرۇپ بەر دېسىمۇ قايتۇرۇپ بەرمەيمىز. خىتاي ئۇيغۇرلار بىزنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ دېگەن ۋاقتىدا، بىز ھېچقانداق بىر دۆلەتنى پارچىلاشقا ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان پائالىيەتلەرگە رۇخسەت قىلمايمىز دېگەنىدۇق. بۇ سۆزنى مەن بۇندىن 8 يىل بۇرۇن قىلغانىدىم. ئىستانبۇلدا خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوپال مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ھەقتە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سورىدى ۋە مەزكۇر ساقچىلار ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.»

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئۇزۇن يىل سۈكۈتتە تۇرغان بولسىمۇ ئاخىرقى يىللاردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ھەمدە ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىدە قىلغان سۆزلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. بۇ قېتىم تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى بۇنىڭ ئۈچ تۈرلۈك سەۋەبى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىدا ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئەمما بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 3 ئۆكتىچى پارتىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە داۋاملىق ھۆكۈمەتنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئەركىن تارىم خەۋىرى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button