
12-ئاينىڭ 18-كۈنى دۇنيا كۆچمەنلەر كۈنى. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كۆچمەنلەر كۈنىنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتىگە تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يىغىندا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ زۇلۇمدىن قېچىپ تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارغا قۇچاق ئاچقانلىقىنى تەكىتلىدى.
12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، مائارىپ مىنىستىرى مەخمۇت ئۆزەر، ئەنقەرە شەھەر باشلىقى ۋاسىپ شاھىن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار باشقارمىسىنىڭ تۈركىيەدىكى مەسئۇلى گەرارد كارل ۋائىتە (Gerard Karl Waite) قاتارلىق رەھبەرلەر سۆز قىلغان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئابدۇلئەخەت ئابدۇراخمان قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت تەكلىپ بويىچە قاتناشقان.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى «زۇلۇم ۋە بېسىمدىن قېچىپ ئۆز ۋەتىنى بولغان تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قۇچىقىمىزنى ئاچتۇق، بۇندىن كېيىنمۇ ئېچىشنى داۋام قىلىمىز» دېگەن.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى دۇنيا كۆچمەنلەر كۈنىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇرۇش، سىياسىي بېسىم ۋە ئاپەتكە ئوخشاش ھەر خىل سەۋەبلەردىن ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قالغان كىشىلەر دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇلار يىغىن جەريانىدا تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى سۇنغان.
ئۇ بۇ ھەقتە ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.
مەزكۇر يىغىنغا تۈركىيەگە پاناھلانغان كۆپ ساندىكى مىللەتتىن ۋەكىللەر ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئېچىلىش نۇتقىدا بىر قانچە مىللەتنىڭ ئىسمىنىلا تىلغا ئالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئالاھىدە توختالغان.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
تۈركىيەدىن ئۈچىنچى دۆلەتكە كېتىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىغا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن مامۇتجان ئەركىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ھەل بولغانلىقىنى، لېكىن يەنىلا بەزى قىيىنچىلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بولۇپمۇ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىش ئۈچۈن كۈتۈۋاتقانلارغا 2011-يىلىدىن بۇيان جاۋاب كەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى 2013-يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى ھەر يىلى دۇنيا كۆچمەنلەر كۈنى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدە ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن قۇتلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىزچىل تۈردە بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇتۇپ كەلمەكتە. ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلخەمىت پامىر ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئىگىلىشىمىزچە، 2022-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، «تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلىقى» نى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن پۇقرالىققا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا رەسمىيەتتە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ كەمچىل بولۇشى، دادىسى ياكى ئانىسى ئۇيغۇر دىيارىدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان بالىلارنىڭ پۇقرالىققا ئىلتىماس قىلىشىدىكى قىيىنچىلىقلارغا ئوخشاش بىر قاتار قىيىنچىلىقلار كېلىپ چىققان.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئەركىن تارىم خەۋىرى