غۇلجا قەتلىئامىنىڭ 26- يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

5 – فېۋرال غۇلجا قەتلىئامىنىڭ 26 – يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.

بۇ نامايىش مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ نامايىشقا بىرلىككە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

ئىستانبۇلنىڭ سارىيەر دېڭىز بويىدىكى خىتاي كونسولخانىسىغا ماڭىدىغان كوچا ئېغىزى تۈرك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇساق قۇرۇپ تۇسىۋېلىنغان بولۇپ، نامايىشچىلار تۇساقتىن ئۆتەلمەي دېڭىز بويىدا نامايىشنى داۋام قىلدى. ھاۋا سوغۇق ھەم قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ نامايىشچىلار سۇغۇق ۋە يامغۇردىن قاچماستىن قەددىنى تىك تۇتۇپ خىتايغا قارشى، «زالىم خىتاي ھېساپ بەرسۇن!»، «قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىپ كەت!» دېگەندەك شۇئارلار توۋىلاپ خىتايغا قارشى غەزەپ – نەپرەتلىرىنى بىلدۈردى.

نامايىش جەرىيانىدا 5 – فېۋرال غۇلجا قەتلىئامىغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلىندى. باياناتنى نامايىشچىلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا، خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئوقۇپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن،  1997- يىلى 2- ئاينىڭ5- كۈنى غۇلجا شەھىرىدە تاجاۋۇزچى خىتاي تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن قەتلىئامنىڭ 26 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، غۇلجا قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا بارغانسىرى چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچلىكلىرى ۋە رەھىمسىزلەرچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئاخباراتلارنىڭ ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق».

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە غۇلجا قەتلىئامىي توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 26 يىل ئىلگىرى ، يەنى 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى كېچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان غۇلجا شەھىرىدە رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كېچىسى دۇئا تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن  بىر يەرگە جەم بولغان شەرقىي تۈركىستان خانىم – قىزلىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ قاماپ قويۇلغان ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن قاتتىق قوللۇق قىلىپ قىيىن – قىستاققا ئېلىنغاندىن كېيىن، 700-800 كىشى ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بارغان ۋە غۇلجا  ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يۈرۈش قىلغان، بىراق ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇلارنىڭ ھەقلىق تەلىپىنى ئورۇنلاشنىڭ ئورنىغا  تولۇق قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق بېرىپ خالىغانچە ئوق چىقارغان ، نامايىشچىلارغا قارىتىلغان ئوق ئېتىش نەتىجىسىدە نەچچە يۈز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە نۇرغۇنلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ قولغا ئېلىنغان،نولدىن تۆۋەن 30 گىرادۇسلۇق قەھرىتان سوغۇقتا خىتاي ئەسكەرلىرى قولغا ئېلىنغان ياشلارنىڭ ئۈستىگە ۋەھشىيلەرچە سوغۇق سۇ پۈركۈپ مۇزلاپ قازا قىلىشىغا سەۋەب بولغان».

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە غۇلجا قەتلىئامىدا كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: « 2-ئاينىڭ 5-كۈنى  ناھەق قولغا ئېلىنغان ئاياللارنىڭ قويۇپ بېرىشلىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن تىنچلىق بىلەن نامايىشنى باشلىغان كىشىلەرگە قارا – قۇياق ئوق چىقىرىش سەۋەبىدىن 100 دىن ئارتۇق كىشى شەھىد بولغان. مۇستەقىل مەنبەلەر 4-ۋە 5-فېۋرال كۈنلىرى غۇلجا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن ، غۇلجىدا 4000 غا يېقىن بىگۇناھ كىشى ۋە ئومۇمىي شەرقىي تۈركسىتاندا 20 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. رايوندىكى بارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ يارىلانغانلارنى داۋالىشى چەكلەنگەن بولۇپ،  ئونلارچە كىشى ۋاقتىدا داۋالىنالماي قانسىراپ كېتىش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىنغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ كىنوخانا زالىدا سوتلانغاندىن كېيىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، 90 ئۇيغۇرنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان».

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: « بىز دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەردىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلەرنى دەرھال توختىتىشىنى ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز . بىز يەنە ب د ت ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇلۇشتىكى غايە- ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا چاقىرىمىز. تۈرك كېڭىشى قاتارلىق مىللىي نامدىكى تەشكىلاتلارنىڭ تارىخى ۋە مىللىي مەسئۇلىيىتىنى جىددىي ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز».

نامايىش جەرىيانىدا يەنە شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام سۆز قىلىپ، 5 – فېۋرال غۇلجا قەتلىئامىدا شېھىت بولغان قەھرىمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش بىرگە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئەرەب تىلىدا سۆز قىلىپ ئەرەب – ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقرىق قىلدى.

نامايىشتا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۈزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى سۆز قىلىپ، 5 – فېۋرال غۇلجا قەتلىئامىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە خىتاينىڭ ھېساب بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئۆ سۆزىدە يەنە، بۇ قانلىق ۋەقەدىن كېيىن شەرقىي تۈركسىتاندا زۇلۇمنىڭ بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىغانلىقىنى، دەل ئەكىسچە تېخىمۇ چېكىدىن ئېشىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىپ يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى سۆزىدە يەنە تۈركىيە پارلامېنتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقرىق قىلدى، ئۇ سۆزىدە، ئامېرىكا قاتارلىق 8 غەرب دۆلىتىنىڭ پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىق جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، ئەمدى نۆۋەت تۈركىيە جۇمھۇرىيتىگە كەلگەنلىكىنى، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ مەسىلىسىنى پارلامېنتتا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ شەرقىي تۈركسىتانلىقلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچىراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقرىق قىلدى.

مەنبە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى- ئارسلان تاش

Exit mobile version