پائالىيەتلەر

تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ئېغىر دەرىجىلىك يەر تەۋرەشتە ئۇيغۇرلارمۇ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشتى

تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ئېغىر دەرىجىلىك يەر تەۋرەشتە ئۇيغۇرلارمۇ قۇتقۇزۈش ھەرىكىتىگە قاتناشتى

تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش شەھرىنى مەركەز قىلغان گازىئانتەپ، ئوسمانىيە، ھاتاي قاتارلىق ئون شەھەردە 2 – ئاينىڭ 6 – كۈنى كېچە سائەت 04:17 دە 7.6 بال دەرىجىدە يەر تەۋرەپ نۇرغۇنلىغان بىنالار ئۆرۈلۈپ چۈشتى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلىنىپ كۆپ ساندا كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئارىسىدا قاھرامانماراش سۈتچىئىمام ئۇنىۋېرىسىتىتىنى ئۆتكەن يىلى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياش ئابدۇللاھ ئالىممۇ يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ ئاستىدا قېلىپ 30 سائەتتىن كېيىن ساق چىقىرىلغان بولسىمۇ دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە داۋالاش ئۆنۈم بەرمەي جان ئۈزگەن.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن ئاخباراتلارغا بەرگەن مەلۇماتلاردا بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 4 مىڭغا يەتكەن، 22168 كىشى يارىلانغان. 8000 دىن ئارتۇق كىشى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ ئاستىدىن قۇتقۇزۇلغان.قۇتقۇزۈش ھەرىكىتى جىددىي داۋام قىلماقتا ئىكەن.

جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ يەر تەۋرىگەن گازىئانتەپ قاتارلىق 10 شەھەردە 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋە خەلق ئاممىسى يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ ئاستىدا قالغان كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قۇتقۇزۈش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش سەپەرۋەرلىكى باشلاتتى.

6 – فېۋرال كۈنى 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشتىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا ئىستانبۇلدىن يولغا چىققان بولۇپ، مەزكۇر قۇتقۇزۈش ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇسالام تەكلىماكاننىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇ ئەترەت ماشىنا بىلەن 24 سائەت يول يۈرۈپ يەر تەۋرەش ئېغىر يۈز بەرگەن قاھرامانماراش شەھرىگە يېتىپ بارغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئۇيغۇر ياشلاردىن تەركىپ تاپقان 30 كىشىلىك قۇتقۇزۈش ئەترىتىنىڭ قاھرامانماراشقا بېرىپ قۇتقۇزۈش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق تۈركىيە خەلق ئاممىسى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ پۈتۈن قىيىنچىلىقلاردا بىرلىكتە تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قۇتقۈزۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇتقۇزۈش ئەترىتى بىلەن قاھرامانماراشقا بارغان ئۇيغۇر ياش مەردان ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى  بىلەن 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشتىن تەركىپ تاپقان بىر قۇتقۇزۇش پىدائىي ئەترىتى قاھرامانماراش شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ ئالدى بىلەن ئۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلىكلەرنى تىپىپ ئۇچراشقانلىقىنى ئۇلارنى ئىستانبۇلغا يولغا سېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى كەلگەن ماشىنىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىراق، ئۇغۇل ئوقۇغۇچىلار ئۇ يەردە قېپ قېلىپ قۇتقۇزۈش ياردەم خىزمىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىستانبۇلغا قايتىشنى رەت قىلغاندىن كېين ئۇلاردىن 11 ئايال 12 كىچىك بالىلار بولۇپ جەمئىي 23 كىشىنى ماشىنا بىلەن ئىستانبۇلغا يولغا سالغان.

ئۇيغۇر قۇتقۇزۇش ئەترىتى يەنە يەر تەۋرەشتە ۋاپات بولغان ئابدۇللاھ ئالىم ئىسىملىك ئۇيغۇر ياشنىڭ مېيىتىنى دوختۇرخانىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ مەخسۇس بىر ماشىنا بىلەن ئىستانبۇلغا يولغا سالغاندىن كېيىن قۇتقۇزۈش ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتكەن.

مەردان ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ ئىنتايىن ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكى خەلقلەرگە ئۆزلىرى ئېلىپ بارغان نان ۋە سۇلارنى تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلگەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ بەك خوش بولغانلىقىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

مەردان ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە قاھرىمانماراشتا ئومۇمىيۈزلۈك بىنالارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سىرتتا ئۆي – ماكانسىز قالغانلىقىنى، ھاۋا سوغۇق ۋە قار يېغىۋاتقانلىقىنى،  شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يىمەك – ئىچمەك، ئەدىيال، يوتقان – كۆرپە ۋە چېدىر قاتارلىق ماددىي بويۇملارغا ئېھىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

قاھرامان ماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرىسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇغېنى تاۋلان يەر تەۋرىگەندە بىنادىن قېچىپ چىققان بولسىمۇ بەك قۇرقۇپ كەتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە يەر يېرىلىپ ئۆزەمنى يەر ئاستىغا كىرىپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلدىم، دېدى. بىراق ئۇ ئىستانبۇلغا قايتىماستىن قۇتقۇزۈش ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن شۇ يەردە قالغانلىقىنى ئۆزىنىڭ پىدائىي بولۇپ ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋەخپى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە يارلانغانلارنىڭ قانغا بولغان ئھېتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قان بېرىشكە چاقرىق قىلغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى قىزىلئاي قان مەركىزىگە بېرىپ قان بېرىشنى ئۆزىدىن باشلىغان.

بىز يەنە تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قاھرامانماراش سۈتچىئىمام ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ 4- يىللىق سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئابدۇللاھ تاغلىق ئىسىملىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇللاھ تاغلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزى تۇرىدىغان بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشمىگەن بولسىمۇ يېرىلىپ چاك كەتكەن، ئۇ بىنادىن چىقىپ بىخەتەر يەرگە يۆتكەلگەن. قاھرامانماراش شەھەردە يۈزدە 80% بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ ساق قالغان بىنالارمۇ يېرىلىپ چاك كەتكەن.

ئابدۇللاھ تاغلىق ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ جىددى قۇتقۇزۈشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستانبۇلغا قايتىماي قۇتقۇزۈش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ تۈرك خەلقىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن شۇ يەردە قېپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشكە ئالاقىدار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى، خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشىكىلاتلار تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچراپ قىيىن كۈنلەردە قالغان تۈركىيە خەلقىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى، ماددى – مەنۋىي جەھەتتىن ياردەملىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button