تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان ئۇيغۇر ياش كىم؟

تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئارىسىدا قاھرامانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆتكەن يىلى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياش ئابدۇللا ۋەلىي ئالىممۇ بار بولۇپ، ئۇ، يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ ئاستىدا قېلىپ 30 سائەتتىن كېيىن ساق چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي جان ئۈزگەندىن كېيىن مەرھۇمنىڭ مېيىتى ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلدى. مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى 9-فېۋرال پېشىن نامىزىدىن كېيىن ئىسانبۇل سەفاكۆيدىكى فاتىھ جامئەسىدە ئوقۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىز قاھرامان ماراش شەھىرىدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان ئۇيغۇر ياش ئابدۇللا ۋەلى ئالىم توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مەرھۇمنىڭ ئاكىسى زىكرۇللا ئالىم ۋە مەرھۇمنىڭ دوستى ئابدۇللا تاغلىق بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇللا ۋەلى ئالىمنىڭ دوستى ئابدۇللا تاغلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يەر تەۋرىگەندىن كېيىن مەرھۇم ئابدۇللانى ئىزدەپ ئۇ تۇرۇۋاتقان بىنانىڭ يېنىغا كەلگەندە بىنانىڭ پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى كۆرگەن ۋە ئۇنى ئىزدەشكە باشلىغان. كېيىن ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان ئىككى تۈرك كىشىنىڭ بىنانىڭ ئاستىدىن ئاۋازى كەلگەندىن كېيىن ئۇ يەردە ئابدۇللانىڭ ساق ئىكەنلىكىنى بىلگەن. تەبىئىي ئاپەتكە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قۇتقۇزۈش ئەترىتى كېلىپ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن سەھەر ۋاقتى سائەت 4:00 تىن باشلاپ چۈش ۋاقتى سائەت 11:00 گىچە 7 سائەت تىرىشىپ ئابدۇللانى قۇتۇلدۇرۇپ چىقارغان. بۇ جەرياندا ئابدۇللا تاغلىق دوستى ئابدۇللانى يالغۇز قويماي ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە تىرىشقان. بىراق ئۇ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ ئاستىدىن 30 سائەتتىن كېيىن ساق قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۈشتا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 24 يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان.

زىكرۇللا ئالىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇللا 1999-يىلى خوتەن قاراش ناھيەسىنىڭ يېڭيەر يېزىسىدا ئەزىز ئاخونۇمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىك ۋاقتىدا قۇرئان كەرىمىنى يادلاپ قارىي بولغان، چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئېلىش ئۈچۈن 2013-يىلى 11-ئايدا ئاكا-ئوكا ئىككىسى بىرلىكتە مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىگە بېرىپ ئوقۇشقا كىرگەن ۋە ئەرەب تىلى ئۆگەنگەن. ئۇلار قاھىرەدە ئوقۇش جەريانىدا يەنى 2015-يىلى دادىسى ئەزىز ئاخۇنۇمنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئالغان. دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ باللىرىنى چەتئەلگە چىقىرىپ ئوقۇتۇشى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. كېيىن دادىسىنىڭ 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىگە قامالغانلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئالغان.

زىكرۇللا ئالىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دادىسى ئەزىز ئاخۇنۇم 2015-يىلى 7 يىللىق تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن بىلىنمىگەن سەۋەب تۈپەيلى تۇيۇقسىز تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئالغان. ئۇ ۋەقەدىن كېيىن ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن مىسىردىن تۈركىيەگە بېرىپ ئوقۇشنى قارار قىلغان ۋە 2015-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن، ئىككىسى 2016-يىلى قاھرامانماراش سۈتچىئىمام ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئىسلامىي بىلىملەر فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قوبۇل بولغان.

زىكرۇللا ۋە ئابدۇللا دادىسىنىڭ ئۇلارنى چەتئەلدە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىشتەك ئېغىر بەدەل تۈلىگەنلىكىنى ئىسىدىن چىقارماستىن قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قاھرامانماراش سۈتچىئىمام ئۇنىۋېرىسىتېتىدا تىرىشىپ ئوقۇپ ھەر ئىككىسى2021-يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن. بۇ ئاكا-ئۇكىلار تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بولۇپ، زىكرۇللا ئالىم بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ مىللىي دەۋا ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسىدا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە كوتاھىيا دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرىستېتىدا ماگىستىرلىق ئوقۇماقتىكەن.

ئابدۇللا تاغلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوستى مەرھۇم ئابدۇللامۇ ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن دۆلەت خىزمەتچىسىلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولۇپ ئىمتىھاندىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتكەن ۋە خىزمەت كۈتۈۋاتقانىكەن.

ئابدۇللا تاغلىق، مەرھۇم ئابدۇللا ۋەلى بىلەن يېقىن ئارىلىشىپ ئۆتكەنلىكىنى ئۇنىڭ ناھايىتى ياخشى، سەمىمىي، ئەخلاقلىق يېتىشكەن ياش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

زىكرۇللا ئالىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە 12 قېرىنداش بولۇپ، بۇلار 6 قىز 6 ئوغۇل ئىكەن، زىكرۇللا ئالىم 2015-يىلىدىن بۇيان خوتەن قاراقاشتىكى ئۈچ ئاكىسىدىن ھېچ قانداق خەۋەر ئالالمىغان. ئۇلارنىڭ ئوبۇلقاسىم ئەزىز ئىسىملىك ئاكىسى گوللاندىيە ياشايدىغان بولۇپ ئۇ ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ خىزمەت قىلماقتىكەن.

تۈركىيەنىڭ قاھرامانماراش، گازىئانتەپ قاتارلىق 10 شەھەردە يۈز بەرگەن 7.6 بال يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ ئاستىدا قالغانلارنى قۇتقۇزۈش ھەرىكىتى جىددىي داۋام قىلماقتىكەن.

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان بۈگۈن، يەنى 8-فېۋرال كۈنى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن قاھرامانماراش قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ھادىسىلەرنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ بۈگۈنكى ئۆلۈم ۋە يارىلانغانلار توغرىسىدا ئاخباراتلارغا بەرگەن مەلۇماتلىرىدا بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 9570 كە يەتكەن، 52979 كىشى يارىلانغان، دۆلەتنىڭ ئەسكەر، ساقچى ۋە پۈتكۈل ئىمكانلىرىنى ئىشقا سېلىش بىلەن قۇتقۇزۈش ھەرىكىتى جىددىي داۋام قىلماقتىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

Exit mobile version