خەۋەرلەر

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مالايشىيادىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مالايشىيادىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

مالايشىيا يېقىندا يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلدى.

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 3‏-يانۋاردىكى باياناتىغا قارىغاندا مالايشىيا دائىرىلىرى ب د ت دىن پاناھلىق تەلەپ قىلغان 6 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆتكەن يىلى 12‏-ئاينىڭ 31‏-كۈنى خىتايغا مەخپىي قايتۇرۇپ بەرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش مالايشىيانىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، مالايشىيا ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، «كۇئالا لۇمپۇرنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى خەلقئارا قانۇنغا قىلىنغان زور بۇزغۇنچىلىق» دەپ كۆرسەتكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلقئارا قانۇندا ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ كىشىلەرنى جازاغا ۋە جىسمانىي قىيىن-قىستاققا ئۇچرايدىغان ھەر قانداق بىر دۆلەتكە قايتۇرۇشى چەكلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، بۇ قارشىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتىپ باقمىغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى فىلىم كاين، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتى قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلاردا ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيىتىگە قىلىنغان ئىنتايىن ئوچۇق بۇزغۇنچىلىق. ئۆزىنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغانلىقى، خەلقئارا قائىدە -نىزاملارنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە، بىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كامبودژاغا ئوخشاش باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆردۇق. كىشىنى مەيۈسلەندۈرىدىغان ۋە ئەندىشىگە سالىدىغان يېرى شۇكى، بۇ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، قانۇننىڭ زىندانلىرىدا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كېتىشىدۇر، دېدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر باياناتى دەل خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن 5‏-فېۋرال مالايشىيانى زىيارەت قىلىش ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر تەشكىلات يەنە، جا چىڭلىننىڭ زىيارىتى مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ، مۇساپىرلارنى قانۇنى جەھەتتىن قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلايدىغان پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا تۇنجى قېتىم قايتۇرۇپ بېرىشى ئەمەس. كۇئالا لۇمپۇر 2011‏-يىلى ئادەم ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 11 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلاردىن ئاز دېگەندە بىر كىشىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بۇ 6 كىشى 2012-يىلنىڭ باشلىرى ئاتالمىش ساختا پاسپورت بىلەن مالايشىيادىن چىقىش ۋاقتىدا تۇتۇپ قېلىنغان. ئۇلار تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان. بىراق مالايشىيا ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارنى خىتايغا مەخپىي ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. خىتايلار ئۇلارنى مالايشىيادا ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئايروپىلاندا ئېلىپ كەتكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى فىلىم كايننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مالايشىيا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى خەلقئارا قانۇندىن مۇھىم ئورۇنغا قويغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: مالايشىيا ھۆكۈمىتى سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ خەلقئارا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىشى كىشىنى غەش قىلىدۇ ۋە سەسكەندۈرىدۇ. چۈنكى مالايشىيا ب د ت نىڭ ئەزاسى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن دۆلەت. ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ قايتۇرۇلۇش مەسىلىسىدىكى مەقسەت ناھايىتى ئېنىق. ئەپسۇسكى مالايشىيا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى خەلقئارا قانۇندا ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغاندەك قىلىدۇ. بۇ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ مالايشىيا قانۇن دۆلىتى، دېگەن پىكرىگە خىلاپ.

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىدىن پەۋقۇلئاددە ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشۈشىچە، «ئۇلار بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.» بىراق مۇساپىرلار مەھكىمىسى قانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى يانتې ئىسمائىل، مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئۇلارنى تىزىمغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى كۆرۈپ چىققانلىقى ۋە ئەركىنلىككە چىقىرىش ھەققىدە ئىزدەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ: بىز مالايشىيا ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشىمىزگە قارىماي، بۇ كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت بىر دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدىن ئەپسۇسلاندۇق، دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۈشەنبە كۈنى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلدى. مەزكۇر تەشكىلات بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى مالايشىيانىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ئاساسى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ بۇ ھەرىكىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە، خىتاينى مۇساپىرلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشقا قىستاشقا چاقىردى.

بىز مالايشىيانىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، بىراق ئەلچىخانىنىڭ بىر خادىمى مەزكۇر مەسىلىگە پىكىر بىلدۈرۈشنى رەت قىلدى.

خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بۇ6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى، ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن قازاقىستان، پاكىستان، نېپال، كامبودژا ۋە مالايشىيا قاتارلىق ئەللەردىن ئۆتكۈزۈۋالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ باقمىغان ۋە ئۇلارنى قاتتىق جازالىغان. 2009‏-يىلى 12‏-ئايدا كامبودژادىن ئۆتكۈزۈۋالغان 20 نەپەر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەرگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئەركىن

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close