پائالىيەتلەر

رامىزان ئېيى مۇناسۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار جەم بولۇپ بىرلىكتە ئىپتار ئاچتى

2 – ئاپېرىل كۈنى رامىزان ئېيى مۇناسىۋېتى بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان  تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىپتار پروگراممىدا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ بىرلىكتە ئىپتار ئاچتى.  ئىپتار پروگراممىغا ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئىككى مىڭ كىشىلىك ئىككى چوڭ زالىنىڭ لىق تولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىپتار پروگراممىغا ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا، تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

ئىپتار پىروگراممىسى قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلانغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ جەم بولۇپ بىرلىكتە ئىپتار قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا توختالدى ۋە مۇنداق دېدى: «مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركسىتان خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىرلىك – باراۋەرلىكىمىزنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلىپ ئىپتار قىلىۋاتىمىز».

ئىپتار پروگراممىدا يەنە ئىنسان مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن مەھمەت گۈنەي ئەپەندى سۆز قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىر كۈنى چوقۇم ئەركىن ھالدا شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىدا لەپىلدەيدۇ، بىز خۇدايىم بۇيرىسا ھېيت – بايرامنى ئۈرۈمچىدە، قەشقەردە، خوتەندە بىرلىكتە تەبرىكلەيمىز»، دېدى.

ئىپتار پروگراممىدا سۆز قىلغان تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ كۆچمەن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باش مەركىزىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ساۋاش ئۈنلۈ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ئېيىنى بىرلىكلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «خۇدايىم بۇيرىسىا مۇشۇ يەردىكىگە ئوخشاش بىر كۈنى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىمۇ جەم بولۇپ بىرلىكتە ئىپتار قىلىدىغان ۋە ھېيتنى تەبرىكلەيدىغان كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

ئۇ سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيەدە ئۆز يۇرتىدىكىدەك خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:  «بۇ تۈركىيە زېمىنى پۈتۈن مەزلۇملارنىڭ يۈز يىللاردىن بۇيان پاناھلىنىدىغان يۇرتى بولغانغا ئوخشاش بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيانىڭ قەيىرىدە بىر مەزلۇم بولسا ئۇلارغا ساھىپخانلىق قىلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز خۇددىي ئۆز قېرىندىشنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارغاندا تۆرگە باشلىنىپ ئىززەت – ھۆرمەت بىلەن قارشى ئېلىنغانغا ئوخشاش، تۈركىيە زېمىنىدىمۇ ئىززەت – ھۆرمەت بىلەن خاتىرجەم ياشايدۇ، ھېچ بىر زامان ئۇلارنىڭ خاتىرجەملىكىگە دەخلى يەتمەيدۇ».

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ بىرلىكتە ئىپتار قىلىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار دەپ قاراشقا بولىدۇ؟

ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇش ئىبادىتىنى ئادا قىلىشتا قانداق ئوخشاشماسلىق پەرقلەر مەۋجۇت؟ بىز بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىىش ئۈچۈن خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى شۇنداقلا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان رامىزان ئېيىدا بىر داستىخانغا جەم بولۇپ ئىپتار ئېچىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ رامىزان ئېيىدا بىرلىكتە ئىپتار قىلىشنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق – تۇققانلىرىدىن خەۋەر ئالالماي روھى جەھەتتە بېسىمغا ئۇچرىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ روھىينى كۆتۈرۈش ۋە شۇنداقلا ياش ئەۋلادلارغا دىنى ۋە مىللىي ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنى ئۆزلەشتۈرۈش بولۇپمۇ رامىزان ئېيىدا بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ بىرلىكتە ئىپتار قىلىشنىڭ دوستلۇق، قېرىنداشلىق رېشىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ئۆز – ئارا – مېھرى شەپقەت پەيدا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەركىن ھالدا خالىغانچە روزا تۇتۇش ۋە ئىبادەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولسىمۇ بىراق شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراپ بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button