تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىىر سۇلايمان سويلۇ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۈركىيە گراژدانلىقىغا قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

23 – ئاپرىل كۈنى ئىستانبۇلدا خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە قاتناشقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىسىتىرى سۇلايمان سويلۇ ئۇيغۇرلارغا سۆز قىلىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۈركىيە گراژدانلىقىغا قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ ئۇيغۇرلارغا سالام يوللىغانلىقىنى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بۇيرىقى چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: « ئۇيغۇرلارنى تۈنجى كەلگەنلەردىن باشلاپ تۈركىيە گراژدانلىقىغا قوبۇل قىلىشنى باشلىدۇق ۋە ھازىرغىچە 10 مىڭدىن ئارتۇق قېرىندىشىمىزنى تۈركىيە گراژدانلىقىغا قوبۇل قىلدۇق، ئۈچ كۈن ئىلگىرى 2000 قېرىندىشىمىزنىڭ گىراژدانلىققا ئۆتۈش تەلىپىگە ئىمزا قويۇپ جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغانغا يوللىدۇق، ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسى ئەردۇغاننىڭ تەستىقلىشى ۋە ئىمزا قويىشى بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارمۇ تۈركىيە گراژدانلىقىغا قوبۇل بولىدۇ، ھازىر قولىمىزدا يەنە 3500 قېرىندىشىمىزنىڭ ئارخىپى ئىمزا قويۇشقا تەييار بولدى، ئۇلارنىڭ ئارخىپلىرىنى ئەڭ يېقىن زاماندا يوللايمىز ۋە ئۇلارمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى گراژدانى بولىدۇ، ئەسلىدە ئۇلار توغۇلۇشتىنلا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىراژدانى ھېسابلىنىدۇ».
سۇلايمان سويلۇ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەرىيانىدا شەرقىي تۈركسىتانلىقلارنىڭ يېنىدا بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىدى ۋە «دەسلەپتە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ قانداق ئوقۇشى كېرەكلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز تەڭ كۆڭۈل بۆلدۈق»، دېدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت (تۈركىيەدە تۇرۇش روخسەت كارتى) نى ھەل قىلغانلىقىنى، ھېچ كىمنى ئىقامەتسىز تاشلاپ قويمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ سۆزىدە يەنە 2 – ئايدا تۈركىيىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بېرىپ ياردەم قىلغانلىقىنى خاتىرلەتتى ۋە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن، قېرىنداشلىقنىڭ، ۋاپادارلىقنىڭ قىيىن كۈنلەردە قول ئۇزىتىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھەر زامان كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانغا ئوخشاش ئۇ يەردە يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدۇڭلار».
مىنىسىتىر سۇلايمان سويلۇ، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن نەچچە يىلدىن بۇيان يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇپ كېلىۋاتىمىز، 6 يىلدىن بۇيان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتىمەن، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ماڭا، سۇلايمان سەندىن بىرىنچى تەلىپىم ، مېنىڭ شەرقىي تۈركسىتانلىق قېرىنداشلىرىمنى يالغۇز تاشلاپ قويمايسەن. جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ بۇ بۇيرىقىنى مەن ھېچ قاچان ئىسىمدىن چىقارمىدىم، بۇ يەردە ئەڭ زور ئەڭ قىيىنچىلىق كۈنلەردە، بىزنى ئەڭ ئېغىر بېسىمغا ئۇچراتقان كۈنلەردىمۇ بوينىمىزنى ئەگمىدۇق. پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزغا قولىنى ئۇزاتقان تۈركىيەنىڭ «تۈركىيە يۈز يىلى» يالغۇز 780 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ بەلكى «تۈركىيە يۈز يىلى» (2023-2123) پۈتۈن تۈرك دۇنياسنىڭ يۈز يىلى بولىدۇ».
ھېيىتلىشىش پائالىيىتىدە سۆز قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى شۇنداقلا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، بۇ ھېيىتلىشىش پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: « گەرچە قەلبىمىز قان يىغلاۋاتقان پەرشانچىلىق بولغان بولسىمۇ، بىز چەتئەلدىكى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۈمىد بەخش ئېتىش ، ئۆز – ئارا دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقىمىزنى كۈچەيتىش، مۇھاجىرەت دۇنياسىدىكى شەرقىي تۈركىستان جامائەتچىلىكىنى جانلىق تۇتۇش، ئۈمىدسىزلىككە دوچار بولماسلىقى، پىسخىكىسىنىڭ بۇزۇلماسلىقى، ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ، مىللىتىمىزنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ياخشىلاش ۋە مەۋجۇدىيىتىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز».
ھېيتىلىشىش پائالىيتىدە سۆز قىلغان جامائەت ئەربابىي ئابدۇقادىر ياپچان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچ يالىڭاچ قالسىمۇ ياشىيالايدىغانلىقىنى بىراق ۋەتەنسىز ياشىيالمايدىغانلىقىنى تەكىتلدى ۋە «بىز ھەر قانداق بەدەل تۈلەشكە رازى ئەمما زېمىندىن ۋاز كېتىشكە قەتئىي رازى ئەمەس»، دېدى.
پائالىيەت جەرىيانىدا ئۇيغۇر ياش ناخشىچىلاردىن ئامىر قىلىچ ۋە خەيرىننىسا قىلىچ قاتارلىق سەنئەتچىلەر سەھنىگە چىقىپ «ۋەتەن» ناملىق بىر قانچە پارچە ناخشا ئورۇنلاپ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋارىسجان ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش «ۋەتەن ھەسرىتى» تېمىدىكى نەسىر شېئىرنى ئوقۇدى، پىشقەدەم مۇھاجىرلاردىن ئابدۇشۈكۈر ھاجىم، مەرھۇم شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرنى جاراڭلىق ئوقۇپ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.
ئاخىرىدا ئۆسمۈرلەرگە بايراملىق پۇل تارقىتىش بىلەن پائالىيەت خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى -ئارسلان تاش خەۋىرى








