شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە سايلامدىن كىيىنكى يېڭى تۈركىيە ھەققىدە

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە سايلامدىن كىيىنكى يېڭى تۈركىيە ھەققىدە
14- ماي ۋە 28- مايدىكى سايلام نەتىجىسىدە تۈركىيەنىڭ يېڭى جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سايلاندى ۋە تۈركىيە مىللىي مەجلىسىدە جۇمھۇر ئىتتىپاقى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى. تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن سىياسىي نۇقتىدىن ۋە ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر دۆلەت. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى تەسەۋۋۇرىدىكى ئازات ۋەتىنىگە ئۆز ئىرادىسى بىلەن قايتقانغا قەدەر تۈركىيە بىز ئۈچۈن بىر ۋەتەن بولدى ۋە بولىۋاتىدۇ، مىللىي، ئەنئەنىۋى ۋە مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان بىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ شەكىللىنىۋاتىدۇ، ھەم شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئامانەتچىسى ۋە ۋەكىلى ھەمدە ياخشى بىر تۈركىيە ۋەتەندىشى بولۇشقا تېرىشىۋاتىدۇ. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا تېخىمۇ كۈچلۈك قەدەملەرنى ئېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى ئۈچۈن، ھەرقانداق شارائىت، سىياسىي تۈزۈم، ۋە سىياسىي پارتىيەگە قارىماستىن مىللىي پىرىنسىپ ۋە مىللىي مەنپەئەت ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىپ كەلدى ۋە بۇ يولدا داۋام قىلىدۇ.
يەنە بىر نۇقتا بولسا، ئاخىرقى كۈنلەردە تۈركىيە، تۈركىيە سايلىمى ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئەردوغانغا، تۈركىيەگە، ئىسلامغا ۋە ئىسلامىي سىياسەتكە قارشى تىل – ھاقارەت، كەمسىتىش ۋە قايمۇقتۇرۇش خارەكتىرىدىكى يازمىلارنى كۆرۈپ بەك ئەپسۇسلاندىم. تۈركىيەدىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە قارىتا پەرقلىق سىياسىي سىنىپ ۋە ياكى پىكىرلەرنىڭ تەرەپتارى بولۇشى ھەر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھەققى. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ دىندارلىق، تۈركىيەدە ياشىغانلىق، ياكى باشقا نۇقتىلارنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ سىياسىي تەرەققىياتىغا قارىتا بولغان تاللىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بولغان ھېسسىياتىنى مەنتىقىسىز ۋە ئەقىلسىز دەپ قاراش ناھايىتى خاتا بىر ئەھۋالدۇر. شۇنداقلا، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركىيەدە ياشاشنى تاللاشتا، نەتىجىدە دۇچ كېلىدىغان قانۇنىي، سىياسىي، ئىجتىمائي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى پەملەپ تۇرۇپ، ھەر جەھەتتىن ئۆزىنى بۇنىڭغا تەييارلاپ ياشاۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە سىرتىدىكىلەرنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تاللىشى ھەققىدىكى نامۇۋاپىق پىكىرلىرىنى، ئەيىپلەشلىرىنى، ھاقارەتلىرىنى ۋە تۆۋەن كۆرۈشلىرىنى توختىتشىنى ئىلتىماس قىلىمەن.
تۈركىيە ئۆتمۈشتىكىدەك، كۈنىمىزدە ۋە كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بىر بازىدۇر. بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچى ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن مەنپەئەت قولغا كەلتۈرۈش پىشقان، تەمكىن، پەملىك ۋە ھېكمەتلىك سىياسەتنى تەلەپ قىلىدۇ.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى نامىدىن، يېڭىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسلىكىگە سايلانغان ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ۋە پارلامېنتقا كىرگەن بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنى تەبرىكلەيمەن. بىرلىكىمىز ۋەتەندىكى زۇلۇمنى توختىتىش ۋە مۇستەقىللىقنىڭ قولغا كېلىشى ئۈچۈن تۈركىيەگە قاراتقان سىياسىتىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنى قازىنىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت جىددىي ھەرىكەت قىلىمىز ۋە تۈركىيەدىكى 100مىڭدىن كۆپ خەلقىمىز بىلەن بىرگە مۇھەببەت ۋە ھۆرمەتكە تولغان، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى ئاساس قىلغان ئىناق ۋە كۈچلۈك مۇھاجىرەت جەمئىيىتى بەرپا قىلىشقا تېرىشىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ھىدايەت ئوغۇزخان
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى