شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىدىن باشقا ھىچقانداق نىشان خەلقىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولالمايدۇ

شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىدىن باشقا ھىچقانداق نىشان خەلقىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولالمايدۇ! ئاسارەت داۋام قىلغانسىرى ئىشغالچى خىتاي لاگىرلىرى تاقالسىمۇ زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق پەرقلىق ئىسىملار بىلەن تۈرمە، زىندان، تەربىيەلەش ئورنى ۋە مەكتەپ بولۇپ داۋام قىلىۋېرىدۇ! مىللىتىمىزنىڭ قان ۋە كۆز يېشىمۇ ئېقىۋېرىدۇ، نەسلىمىز خىتايلىشىش ۋە مانقۇرتلىشىشقا يۈزلىنىۋېرىدۇ. قانخور ئىشغالچى خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىش سىياسىتى بىلەن بىخلانغان زۇلۇملىرى تۈگىمەيدۇ، بىرسى ئاياغلاشماي يېڭى بىرى باشلايدۇ.
خەلقىمىزنىڭ تەپەككۈر ۋە ئىددىيسىدە، نىشان ۋە غايىسىدە ۋە داۋاغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان سىياسى ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ پروگراممىسى، پىلان ۋە ئىسىتراتىيگىيەسى، تەشكىلى ئاپاراتنىڭ قۇرۇلمىسى، شەكلى، سىياقى، سۆزى، شۇئارى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىدە ئېنىق ۋە روشەن بىر شەكىلدە تولۇق مۇستەقىل بىر شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا بولغان ئىرادە ۋە نىشان ئوچۇق نامايەندە بولۇشى كىرەك.
مىللىتىمىز، ئىتىپاقداشلىرىمىز، دۈشمىنىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئالدىدا ئوچۇق ۋە كەسكىن ئىرادىمىزدە مۇستەھكەم تۇرۇشىمىز كېرەك.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مۇستەقىللىقنى نىشان قىلغان ۋە بۇ يولدا بارلىق خەلقىمىز بىلەن ماس قەدەمدە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي نۇقتىدىن تەڭ ئىلگىرىلەشنى مەقسەت قىلغان بىر سىياسىي تەشكىلىي ئاپىرات بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرلىكىمىز ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋاز كىچىلمەس نىشان، ۋە سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىنىڭ تەمىناتى قاراپ، رىئال ۋە ئەمەلىي ئۇسلۇپلار بىلەن دادىل قەدەم ئالماقتا.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى