پائالىيەتلەر

قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى سىياسىي پارتىيلىرى شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن 15- -نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنى ۋە 6-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنى 23 – سىنتەبىر شەنبە كۈنى ئەتتىگەندە ئىستانبۇلدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ يىغىن زالىدا ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلاندى.

15 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنىنىڭ ئېچلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىىرى نازىف يىلماز، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋۇجۇدىمىزدىكى قانىغان يارىمىزدۇر. بۇ دەۋا بىزگە، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مەسئۇد سابىر بايقۇزى قاتارلىق ئۈچ ئەپەندىلەردىن بىزگە قالغان ئامانەت ۋە مىراستۇر، دېدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مەركەزلەشكەن مەخسۇس تەتقىقات مەركەزلىرى ئېچىش ۋە ئېنىستىتوتلارنى قۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە بۇ خىل خىزمەتلەرنى دەستەكلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئېچلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش دانىشمانى ئايخان ئوگان ، شەرقىي تۈركىستان ھېچ بىر زامان خىتاينىڭ زېمىنى بولۇپ باقمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ، دېدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە ئىي پارتى مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ئاييۈجە تۈركەش، ئۆزەم ۋە پارتىيەمگە ۋاكالەتەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى، شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسىنى ھەر ۋاقىت قوللاپ – قۇۋۋەتلەيمىز، دېدى.

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەئىسى مۇستافا دەستىجى، پارتىيىمىز قۇرۇلغان كۈندىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسىنىڭ ئەڭ چوڭ قوللۇغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلەيمىز، دېدى.

 سائادەت پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا كايا ئەپەندى، بىز سائادەت پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ دەۋانى شەرقىي تۈركسىتان مۇستەقىل بولغۇچە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاپ – قۇۋۋەتلەيمىز، دېدى.

يېڭىدىن رىفاھ پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى دوغان بېكىن ئەپەندى، تۈرك – ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ قەدىمى جامىئىلىرى شەرقىي تۈركسىتان جۇغراپىيىسىگە جايلاشقان بىراق ھازىر بۇ جامىئىلەر ۋەيران قىلىندى، مەدەنىيىتىمىز بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قارشى ھەممىمىز بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز، كېرەك.

 يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، بۇ ئۇچرىشىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلەپ، شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسى ئىشغالىيەت سەۋەبىدىن يوق بولۇش خەۋپىگە دۈچ كەلگەن شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ، داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسىمىلاتسىيەدىن قۇتۇلۇش ۋە ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىش دەۋاسىدۇر، دېدى.

بۇ يىغىنغا ،تۈركىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، شىۋېتسىيە، ، قازاقىستان، سەئۇدىي ئەرەبىستان، مالايسىيە قاتارلىق  20 دۆلەتتىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىىنى قوللاپ كېلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى، خەلقئارالىق ۋە يەرلىك تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئۆلىمالار، زىيالىيلار، ھەرقايسى ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئاكادىېمىكلار، ياشلار ۋە ئاياللار ۋەكىللىرى بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

بۇ يىغىنغا قاتناشقۇچى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە رەھبەلىرى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھەر ۋاقىت قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا يەنە،  شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار، ۋە يېڭى دۇنيا كۈنتەرتىپىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان پۇرسەتلەر ۋە بۇ پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىش يوللىرى، شۇنداقلا تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىغا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنى كۆپلەپ ئاڭلىتىش ئارقىلىق قوللاش شارائىتىنى قولغا كەلتۈرۈش دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇتەخسىسلەر ئېلىمىي ماقالىلىرىنى ئوقپ ئۆتتى ۋە تېمىلار بويىچە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

15- -نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنى ۋە 6-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنى 23 – سىنتەبىر شەنبە كۈنى ئەتتىگەندە ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلانغان بولۇپ، 25- سىنتەبىر كۈنىگىچە ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىكەن.

دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2009 – يىلى 4 – ئىيۇل كۈنى تۈنجى نۆۋەتلىكى ئىستانبۇلدا ئېىچلغان ئىكەن. 14 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى بىر قېتىم ئىزچىل ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ 15 – نۆۋەتلىكى بۇ يىل 23 – سىنتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىكەن.

مۇسا ئارسلانتاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button