پائالىيەتلەر

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سۈرىيە خەلقىگە ياردەم بەردى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سۈرىيە خەلقىگە ياردەم بەردى

 20 ئايدىن بۇيان سۈرىيىدە ئىچكى ئۇرۇش داۋام قىلماقتا، بۇ ئۇرۇشتا نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ھايات قالغانلىرى بولسا تۇرمۇشتا قىيىنىلىپ ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ تۇيۇق يولىغا كىرىپ قالدى. ئچىكى ئۇرۇش، ئاچىلىق، قەھرىتان سوغۇق سۈرىيە خەلقىنى ھەر تەرەپتىن قىستاپ  قىيىن ئەھۋالدا قويماقتا.  

تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، سۈرىيە خەلقىگە ياردەم بېرىش  ۋە بۇ ئارقىلىق زالىم دىكتاتۇر ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىپ زۇلۇمغا ئۇچىرىغان مەزلۇم سۈرىيە خەلقىنىڭ يېنىدا بولۇش، ئۇلار بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە ئىستانبۇلدا سۈرىيە خەلقىگە ياردەم بېرىش پائالىيىتى باشلىغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار قىزغىنلىق بىلەن ياردەم پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۆزلىرىنىڭ سۈرىيە خەلقىگە بولغان غەمخورلىقىنى ئىپادىلىدى نەتىجىدە سۈرىيە خەلقىگە 16 توننا ئۇن ۋە بىر يۈك ماشىنىدا كىيىم كىچەك ياردەم قىلىندى. 

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مۇسۇلمانلىق جەھەتتە ئۇرۇش ئىچىدە قالغان سۈرىيە خەلقىگە ياردەم بېرىشنى ئىسلامى قېرىنداشلىق بۇرچ دەپ ئەقىدە قىلىپ، ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىر پائالىيەت باشلىغان بولۇپ نەتىجىدە 16 توننا ئۇن ۋە بىر يۈك ماشىنىدا كىيىم – كېچەك سېتىۋېلىپ سۈرىيىگە يەتكۈزدى،  2013 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 31 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائى ئىشلار مەسئۇلى ئابدۇلكەرىم كۇچار،  ياردەم ئەشيارلارنى يۈك ماشىنىدا تۈركىيە – سۈرىيە چىگىراسى ئەتراپىدىكى ھاتاي شەھىرىگە  ئېلىپ باردى ۋە ئۆزى بىۋاسىتە سۈرىيە چىگىراسى ئىچىگە ئىككى كىلومتېر ئىچكىرلەپ كىرىپ ياردەم ئەشيالارنى ئېھتىياجىلىق سۈرىيە خەلقىگە تارقىتىپ بەردى. 

بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ ياردەم قۇلىنى سۇنغان پۈتۈن قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىمىز ئاللاھتىن ئەجىر تىلەيمىز. 

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close