شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىنىڭ 74-يىلى مۇناسۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى

شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىنىڭ 74-يىلى مۇناسۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى
1-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىنىڭ 74-يىلى مۇناسۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.
مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق ھەرىكىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتىگە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
ھاۋا تۇتۇق قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان ۋە نامايىشچىلار ھۆل بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ پەرۋا قىلماستىن قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرگەن ھالدا، «ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركسىتان»، «ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىپ كەت!»، دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار توۋلاپ نامايشنى داۋام قىلدى. بەزى نامايىشچىلار نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ خىتاي بايرىقىنى كۆيدۈردى ۋە يەرگە ئېتىپ دەسسەپ چەيلىدى.
نامايىش جەرىيانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نامايىشچىلارغا ۋاكالەتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، بۇنىڭدىن 74 يىل ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ئىشغالىيەتكە باش ئەگمەستىن توختىماي كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان سۆزىدە، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھىمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتىنىڭ 74- يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن خىتاينى ئەيبلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. خىتاي، شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئىشغالىيەتنى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنى كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلاشتۇرماقتا. شۇڭلاشقا بىزنىڭ مەقسىتىمىز، ئىشغالىيەت باشلانغان بۇ قارا كۈندە، ئاخباراتلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، مۇستەملىكنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى بولغان مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدىكى ئىرادىمىزنى نامايەن قىلىشتىن ئىبارەت».
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە دۇنيا جامائىتىنى، شەرقىي تۈركسىتان زېمىنىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان زېمىن سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشنى ۋە قانۇنلۇق يوللار بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىمىز».
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە مەركىزى ئىستانبۇلدىكى قازاقلارنىڭ جەمئىيىتى بولغان، «خوجا ئەخمەت يەسەۋىي ئىلىم ۋە ئىرپان ۋەخپى»نىڭ رەئىسى ئىلياس ساكا. ئۆزبېكلەرنىڭ جەمىئيىتى بولغان «تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى بۇرھان كاۋۇنجى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتىنى ئەيبلىدى ۋە مۇستەقىللىق كۈرەشلەرنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.
«تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى بۇرھان كاۋۇنجى، 1- ئۆكتەبىر خىتاي بايرىمىنى تەبرىكىلىگەن ئىستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيەسنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن 74 يىل ئىلگىرى يەنى 1949 – يىلى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركسىتان زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالدى. 1- ئۆكتەبىر كۈنىنى بىز ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەت ۋە ئىشغالىيەت كۈنى دەپ خاتىرلەيمىز، شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانلارغا خاتىرلىتىمىز. مۇشۇنداق ئەھۋالدا 1- ئۆكتەبىر كۈنىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش يىلى دەپ تەبرىكلىۋاتقانلار بار. 1 – ئۆكتەبىرنى خىتاينىڭ قۇرۇلۇش يىلى بايرىمى دەپ تەبرىكلىگەن ئىستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيەسىنى ئەيبلەيمىز. 1 – ئۆكتەبردە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرى بىلەن قېرىنداش شەھەر دەپ ئېلان قىلغان تۈركىيەدىكى قايسى پارتىيە، قايسى شەھەر باشلىقى بولسا بولسۇن تۈركىيەدىكى بۇ خىل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىمۇ ئەيبلەيمىز».
نامايىشقا قاتناشقان لاگىر شاھىدى گۇلباھار جېلىلۇۋا سۆز قىلىپ، «مېنى بىر يىل 3 ئاي 10 كۈن تۈرمىگە قاماپ قويدى. 5 يىلدىن بۇيان خىتاي كونسۇلخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مېنى نېمە ئۈچۈن تۈرمىگە قامىدىڭ دەپ سوئال سوراۋاتىمەن، جاۋاپ بەرمەيدۇ، تۈرمىدە كۆز ئالدىمدا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان، جىسمانىي ئورگانلىرى ئوغۇرلانغان، ئىسكەنجە بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقى ئۈچۈن ۋاقىرايمەن. چۈنكى ماڭا ئۇ يەردىكى ئاياللار، ھەدە، سىز چەتئەل نوپۇسلۇق بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزنى قويۇپ بېرىدۇ، سىز چىققاندىن كېيىن بۇ يەردە كۆرگەنلىرىڭىزنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىڭ دېگەن ئىدى مەن ئۇلارغا ۋەدە بەرگەن ئىدىم، چىققاندىن كېيىن توختىماي ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىمەن، ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم، مەن بۇ يەردىن يەنە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى چاقرىق قىلىمەن، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىڭلار!».
ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۈزىتىش جەمئىيتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانى ئىنگىلىزچە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتىگە ھەر ۋاقىت قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاينى قاتتىق ئەيبلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.




















