«شەرقىي تۈركىستان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چۈشەندۈرمىز» نامدا ئىستانبۇلدا سەنئەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى، مىللىي تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلىكى ياشلار شۆبىسى قاتارلىق 6 جەمئىيەتنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرىمىز» نامدا كۆرگەزمە ئېچىلدى.
بۇ كۆرگەزمە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ كېلىدىغان ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى مىللىي تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىنىڭ مەركىزىدە ئېچىلغان بولۇپ، كۆرگەزمە 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلىنىپ 10- ئاينىڭ 8 - كۈنى، يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن يېپىلىش مۇراسىمى بىلەن ئاخىرلاشتى.
كۆرگەزمىگە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سەنئەت بىلەن ئىپادىلەش مەقسىتىدە، ماي بۇياق رەسىملەر، فوتو سۈرەتلەر، تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى قويۇلغاندىن سىرت يەنە، ھەر خىل مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرى، لېكسىيەلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى.كۆرگەزمىگە يەنە خىتاينىڭ تۈرمىسى ۋە جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشلىرى تەقلىد قىلىنغان سوراقخانا ۋە سوراقخانىدىكى يولۋاس ئورۇندۇق قاتارلىق ھەر خىل قىيناش ئەسۋابلىرى قويۇلۇپ قويۇلغان بولۇپ،بۇ كۆرۈنۈشلەر زىيارەتچىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان نۇقتىلار بولدى.
بىز بۇ كۆرگەزمە توغرىسىدا كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيە مىللىي تۈرك ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەلىم -تەربىيە ئىشلىرى مەسئۇلى مۇشتابا سايىتدەرىجى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇشتابا سايىتدەرىجى ئەپەندى، بۇ كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: « بىز بۇ كۆرگەزمە پائالىيىتى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇشقا تىرىشتۇق، دۇنيادا شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش روھىنگا قاتارلىق كۆپلىگەن جايلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىدىغان كۆپ ساندا جەمئىيەتلەر مەۋجۇت، بىراق ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئاڭلىتىدىغانلارنىڭ سانى چەكلىك ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى ھېس قىلدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىمىزنى، ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ كۆرگەزمىنى ئاچتۇق».
مۇشتابا سايىتدەرىجى ئەپەندى بۇ كۆرگەزمىنى تۈركلەردىن سىرت يەنە كۆپ ساندا چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭمۇ زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ كۆرگەزمە ئىچىلغان ئورۇن ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ ئاۋات ساياھەت ئورۇنلىرىدىن بىرى بولغان فاتىھ رايونى بولغانلىقى ئۈچۈن تۈركلەردىن سىرت يەنە ياۋروپا ئەللىرىدىن كەلگەن كۆپ ساندىكى چەتئەللىك ساياھەتچىلەرمۇ زىيارەت قىلدى، كۆپىنچىسى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئىپادىلەشتى ۋە بۇ كۆرگەزمىنى ئاچقانلىقىمىز ئۈچۈن بىزلەرنى تەبرىكلىدى، بىزمۇ بۇ كۆرگەزمە ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمىز ئۈچۈن مەمنۇن بولدۇق».
بىز بۇ كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى ئىبراھىم سىدىق بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىبراھىم سىدىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق تونۇشتۇرۇشنى پىلانلاپ بۇ كۆرگەزمىنى ئاچقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىبراھىم سىدىق يەنە كۆرگەزمىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى، جازا لاگېرلار ۋە لاگېردا ئېلىپ بېرىلىدىغان قىيىن – قىستاق سوراقخانىلىرىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن تەقلىدى ئۆيلەرنى ياساپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۆزىنى ئىبنى خەلدۇن ئۇنىۋېرىسىتېتى ئوقۇغۇچىسى دەپ تونۇشتۇرغان رۇمەيسا سەلۋىي ئىسىملىك ئوقۇغۇچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئېلانىنى كۆرۈپ ئېچىلىشىنى تۆت كۈز بىلەن كۆتكەنىدىم، چۈنكى بىز شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك چەكلىك خەۋەرلەر ۋە بىر قىسىم كىتاب – ماقالىلەرنى ئوقۇغان بولساقمۇ كۆرگەزمىدە نەق مەيداننى كۆرۈپ ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى خالايتتىم. بۇ كۆرگەزمىدە مەن تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ كۆپ مەلۇماتلارنى ئۇچراتتىم، خۇسۇسەن <كۆرۈۋاتىمەن>، <بىلىۋاتىمەن>دېگەن كۆرگەزمە ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن مەن ئۆزۈمنى خۇددى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغان بىر ئۇيغۇرغا ئوخشاش ھېس قىلدىم، مەن خۇددى خىتاي ئاسارىتى ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلدىم، ئۇ ۋەھشىي كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ئۇ ئۆيلەردە بىر قانچە مىنۇتتىن ئارتۇق تۇرالمىدىم. ئەمما ئويلىغانسېرى ئۇ يەردە نەچچە يىلدىن بۇيان ئەسىرگە ئېلىنغان ۋە يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، خۇدايىم بۇيرۇسا بىر كۈنى ئەركىن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشنى خالايمەن».
بىز يەنە بۇ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم تۈركلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. مارامارا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئەرۋا ئىسىملىك ئوقۇغۇچىسى بۇ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: « مېنىڭ ئىسىم ئەرۋا مارامارا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولىمەن. كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئاڭلىتىلىۋاتقان زۇلۇمنى مەن بىۋاسىتە كۆرمىگەن بولساممۇ بۇ يەردىكى، تەقلىدى قىيىن قىستاق سوراقخانىسى ۋە قىيىن قىستاق ئەسۋابلىرىنى شۇنداقلا جازا لاگېرلىرىنىڭ تەقلىدىنى كۆرۈپ، ئۇ يەردىكى زۇلۇمنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، بىزمۇ بۇ زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم، مەن ئۇلارغا بۇ يەردىن سالام يوللايمەن ۋە ئۇلار ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا تىرىشىمەن. ئۇلار يالغۇز ئەمەس، بىز ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىمىز، خۇدايىم بۇيرۇسا شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولغاندا كۆرۈشىمىز».
























