خەۋەرلەر

ئىشغالچى خىتاي 2013-يىلى شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئېچىش سۈرئىتىنى ئاشۇردى

ئىشغالچى خىتاي 2013-يىلى شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئېچىش سۈرئىتىنى ئاشۇردى

يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى بېكىتىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تەبىئىي گاز، كۆمۈر ۋە شۇنىڭدەك باشقا تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئېچىش پىلانلىرى خىتايدىكى بىر قانچە زور ئېنېرگىيە شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئاسىيا كىندىكى گېزىتىدىن نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، ئىلى رايونىنىڭ كۆمۈردىن گاز ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشى دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنى چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

بۇ تۈر بويىچە، ئىلى رايونىدىكى 5.5 مىليارد كۇب مېتىر كۆمۈر گازغا ئايلاندۇرۇلىدىكەن. ئەگەر قۇرۇلۇش پۈتكەن تەقدىردە ئۇنىڭ يىلىغا 12 مىليارد سوم قىممەت يارىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇنىڭدىن سىرت خىتاينىڭ داتاڭ، شېنخۇا، جۇڭمىي قاتارلىق زور ئېنېرگىيە شىركەتلىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى كۆمۈر كانلارنى ئېچىش ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان.

خىتاي دائىرلىرى ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمىتى» يىغىنىدىن كېيىن شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئېچىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ، خىتايدىكى چوڭ كارخانىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرگەن ئىدى. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ خىل تەبىئىي بايلىقنى پىلانسىز، قالايمىقان ئېچىش دولقۇنىنىڭ ئېكولوگىيە مۇھىتىغا ۋە رايون خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا زور قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close