پائالىيەتلەر

شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرلەش مۇراسىمىدا نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى كۈزىتىپ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ پايدىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى

شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرلەش مۇراسىمىدا نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنى كۈزىتىپ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ پايدىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى

12 – نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمىز تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش مۇراسىمىدا، ئۈچۈنجى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىپ خەلقئارا ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۈزىتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ياخشى پايدىلىنىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

مۇراىسمغا تۈركىيەدىكى ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

مۇراسىمدا ئېچىلىش سۆزى قىلغان جەمئىيىتىمىز رەئىسى شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، تارىخقا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان رەھبەرلەرنى، ئالىملارنى، زىيالىيلارنى ۋە قۇماندان – ئەسكەرلەرنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 74 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىنى قوبۇل قىلماستىن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايغا باش ئەگمەستىن قارشى تۇرۇپ ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە 3 – قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلغىچە بۇ كۈرەشنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇراسىمدا سۆز قىلغان زەيتىنبۇرنۇ ناھىيە ھاكىمى دوكتۇر ئادەم ئۇسلۇ، ئالدى بىلەن تارىختا قۇرۇلغان ئىككى  جۇمھۇرىيەتنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇش يولىدا خىزمەت قىلغان جانلىرى ۋە قانلىرى بىلەن بەدەل تۈلىگەن پۈتۈن قەھرىمانلارنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىدىغانلىقىنى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن بۇ يەردە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100- يىلىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرىنجىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ  90 – يىلىنى ئىككىنجىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 79 – يىلىنى بەختىيارلىق بىلەن تەبرىكلەۋاتقان بولساق بۇ بىزنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ ئاشقانلىقىنى ئىپادىسىدۇر.

زەيتىنبۇرنۇ ناھىيە ھاكىمى دوكتۇر ئادەم ئۇسلۇ ئەپەندى سۆزىدە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىككىنجى ۋەتىنى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيتى ۋە ئانادولىيە خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۇنيادىكى ھەر بىر تۈركنىڭ ئىككى ۋەتىنى بولىدۇ دەپ قارايمىز، بىرسى تۈركىيە ئانادولىيە جۇغراپىيەسى ئانا ۋەتىنىمىز بولىدۇ، يەنە بىرسى ئەجدادلىرىمىز كېلىپ چىققان تۈركىستان جۇغراپىيەسى ئاتا ۋەتىنىمىز بولىدۇ. ئۆز يۇرتلىرىدا بېسىم ۋە زۇلۇمغا ئۇچراپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان قان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىرىنجى ئانا ۋەتىنىدىن كېين ئىككىنجى ۋەتىنى دەپ قارايدىغان ۋە  كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ دىنى ۋە مىللىي ئۆرۈپ – ئادەتلىرى بىلەن ئەركىن  ياشايدىغان  يىگانە دۆلەت تۈركىيەدۇر.

زەيتىنبۇرنۇ ناھىيە ھاكىمى دوكتۇر ئادەم ئۇسلۇ ئەپەندى سۆزىدە يەنە  3- قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىغا يۈرەكتىن ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: 1990 – يىلىدىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستانىڭ غەربىيدىكى غەربىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھۆررىيەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئازادلىقىنى قولغا ئالدىغانلىقى توغرىسىدا ئوخشىمىغان يەرلەردە پىكىر – قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا كىشىلەر ئۇلارغا ئىشەنمىگەن ئىدى ھەتتا ئۇ سۆزلەرنى قىلغانلارغا قارىتا مەنسىتمەستىن كۈلەتتى ئۇلارنى خىيالپەرەس دېگەن ئىدى، ئەمما 1990 – يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ غەربىي تۈركىستاننىڭ ھۆررىيەتكە ئېرىشكەنلىكىگە شاھىت بولدۇق. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقىنى بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرىمىز ئەگەر بىز كۆرەلمىگەن تەقدىردە بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كۆرىدىغانلىقىغا، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئاسمانلىرىدا ئازاد ۋە مۇستەقىل بىر شەكىلدە جەۋلان قىلىدىغانلىقىنى كۆرىدىغانلىقىغا  چىن يۈرەكتىن ئىشىنىمەن.

مۇراسىمدا يەنە شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى شۇنداقلا ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ 1933 ۋە 1944 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى توغرىسىدا ئانالىز دوكىلاتىنى سۇندى.

مۇراسىمدا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئستىراتېگىيە مۇتەخەسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىقىلىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالماستىن يىقىلىشنىڭ كۆپلىگەن سەۋەبلىرى بار بولۇپ، بۇنىڭ بىرسى، شۇ دەۋردىكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەسىرى، شەرقىي تۈركىستاندا مەيلى ھونلار بىلەن خىتايلارنىڭ قىلغان ئۇرۇشى بولسۇن، مەيلى كۆك تۈركلەر دەۋرىدە ئەرەبلەرنىڭ، زەردۈشلەرنىڭ، تۈركلەرنىڭ، تىبەتلەرنىڭ، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلغان ئۇرۇشلىرى بولسۇن، ياقۇپ بەگ دۆلىتى دەۋرىدىمۇ يەنە رۇسىلار، خىتايلار، ئوسمانىيلار ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق چوڭ كۈچلەر شەرقىي تۈركىستاندا بىر بىرى بىلەن تىركىشكەن ئىدى. 1933 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ياپونلار، خىتايلار ئىنگىلىزلەر  ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ پىيىگە چۈشكەن ئىدى.1944 – يىلىدىكى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئارقىسىدىنمۇ يەنە ، سوۋىت ئىتتىپاقى، خىتايلار، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىمۇ قوشۇلۇپ پىيىگە چۈشكەن ئىدى. دىمەكچى بولغىنىم شۇكى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بىر قىسمى خەلقئارا كۈچ تەڭپۇڭلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىدۇر، بۇ تەڭپۇڭلۇقلارنى  يېقىندىن كۈزىتىش ئۈچۈن چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارغا مۇھىم ۋەزىپە چۈشىدۇ. تارىختىن بىز شۇ دەرسنى چىقىرىشىمىز كېرەككى، شەرقىي تۈركىستان ئىستىراتېگىيە جەھەتتە ئىنايىن ئەھمىيەتكە ئىگە بىر رايوندۇر، خىتاي ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم بولسا خىتاينىڭ رەقىپلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنچە مۇھىمدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بىزگە بېرىلگەن ئەقىلنى ئىشتىلىپ خەلقئارا ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۈزىتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك. بۇ ۋەزىيەنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ پايدىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن چەتئەللەردىكى پۈتۈن تەشكىلاتلار ھەمكارلىق ئورنىتىشى قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەرنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

مۇراسىمدا ئۇيغۇر ياش سەنئەتچى ئامىر قىلىچنىڭ ئورۇنلىشىدا ئەي ئانا ماكان، ئويغان دېگەن تېمىلاردا ناخشا تەقدىم قىلدى.

ئۇيغۇر ياش مۇھەممەد ئۆتكۈر، شۇنداق ۋەتەننىڭ ئوغلىمەن دېگەن تېمىدا جاراڭلىق شېئىر ئوقۇدى.

 قازاقىستانلىق ئۇيغۇر سەنئەتچى رۇستەمنىڭ دوتتار بىلەن ئورۇنلىشىدا ۋەتەن نامدا ناخشا تەقدىم قىلدى.

مۇراسىم جەرىيانىدا يەنە كىچىك ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى مىللىي كىيىملەر بىلەن سەھنىگە چىقىپ نومۇر كۆرسەتتى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئاخىرىدا كونيا سالجۇق ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئادىلجان ئەرئۇيغۇر، ئىككى شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىگە ئىنسان ۋە ئىجتىمائىي بايلىق نوقتىسىدىن قاراش دېگەن تېمىدا دوكىلات سۇندى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى دىنى ئۆلىما ئاتاۋۇللاھ خەلپەت ھاجىم، ئىسلام دىنىدا دۆلەتچىلىك ئۇقۇمى دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

ئاخىرىدا شەرقىي تۈركسىتان جۇھمۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش يولىدا شېھىت بولغان پۈتۈن قەھرىمانلارنىڭ روھى ئاتاپ دۇئا ئوقۇش بىلەن مۇراسىم ئاخىرلاشتى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button