پائالىيەتلەر

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان يىغىندا مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئىش – ئىزلىرى كۈنتەرتىپكە كەلدى

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان يىغىندا مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئىش – ئىزلىرى كۈنتەرتىپكە كەلدى

22- دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتكەن مەرھۇم دىنى ئالىم شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرۇغۇچىسى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ۋاپاتىنىڭ 7 – يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن مەرھۇمنى ئەسلەش ۋە ئىش – ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە مەرھۇمنىڭ تۈركىيەدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى جەمئىيىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە مەرھۇمنىڭ دەۋا يولىدا ماڭغان ئىزىدىن مېڭىپ ئاخىرىقى غايىگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان جامائەت ئەربابىي ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇ مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بىلەن تۈنجى قېتىم 1990- يىلى 2 – ئايدا قاغىلىقتا ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋېلى بىلەن بىرلىكتە ئۇچرىشىشپ تۇنۇشقانلىقىنى، 1996- يىلى يەنە تۈرمىدە ئۇچراشقانلىقىنى كېيىن ھەر ئىككىسى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن 1997 – يىلى ۋە 2002- يىلى مىسىردا ئۇچراشقانلىقىنى 2006 – يىلى تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى بىرلىكتە قۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ، ھەرىكەتچان، دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلەرگە ماھىر، ئىشلارنى ھېكىمەت بىلەن ھەل قىلىدىغان قابىلىيەتكە ئىگە شەخس ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىدا ۋە بۈگۈنكى باسقۇچلارغا كېلىشتە مۇھىم رول ئوينىغان شەخس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە مەرھۇمنىڭ ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئابدۇلقادىر ياپچان سۆزىدە يەنە بۈگۈنكى مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيەتتە مەرھۇم لىدەر ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئىنتايىن قەدىرى ئۆتۈلگەنلىكىنى، مەرھۇمنى ئەسلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا،  مەرھۇم لىدەر ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنى يۇرتى قاغلىقتىن باشلاپ تونۇشىدىغانلىقىنى، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئىسمداش بولغان دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمدا دىنى ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقىنى، مەرھۇم قاغلىقتىكى ۋاقتىدا بىر تەرەپتىن ئوقۇپ يەنە بىر تەرەپتىن تەربىيلەش مەزكىرى ئېچىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيلەپ يىتىشتۇرۇشكە تىرىشقانلىقىنى، مەرھۇمنىڭ ھەم ئۆگىنىشكە ھەم ئۆگىتىشكە ھېرىسمەن ئىلىمسۈيەر كىشى ئىكەنلىكىنى،  ياشلارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، ئومۇمىي جەھەتتىن خەلقىنى ئىلىم – مەرىپەت بىلەن ئاقارتىپ، ئۇيغىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا سۆزىدە يەنە ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاتارلىق  ۋەتەن – مىللەت، دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئالىملار ۋە چوڭ ئىش قىلغان كىشىلەر ئارقىلىق مىللەتنىڭ كىملىكى ۋە مەۋجۇتلۇقىنىڭ ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ خىل كىشىلەرگە ئىگە چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر، مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ كۆپلىگەن ئارتۇقچىلىقى بارلىقىنى بۇلاردىن ئەڭ تەسىر قىلغىنى بولسان بىرىنجىسى ئىبادەتكە بەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بەش ۋاقىت نامازنى جامائەت بىلەن مەسجىدتە ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، يەنە بىرسى بولسا، ئۈمىد ۋە ئىشەنچنى ئۆزىگە دوست تۇتقان كىشى ئىكەنلىكىنى، ھەر قانداق ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئىمكانسىز قىيىن – شارائىتلاردىمۇ ھېچ قاچان ئۈمىدسىزلەنمەيدىغانلىقىنى، ھەر قانداق ئىشقا ئىشەنچ بىلەن قەدەم باسىدىغانلىقىنى، دوستلىرىغا، سەپداشلىرىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان ئالاھىدلىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى.

ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۈن ئائىلە ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇرخانىم سۆز قىلىپ، مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئاياللار خىزمىتى ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قاراپ كەلگەن يېتەكچى رەھبەر ئىكەنلىكىنى، مەخسۇس ئاياللارنى يىغىپ تەربىيە خاراكتېرلىق سۆز قىلىپ لېكىسىيە بېرىپ كەلگەنلىكىنى، ئاياللارنىڭ بىلىم ئىگەللىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە  «ئەرلەر بىلىم ئىگەللىسە ئۆزلىرىنى تەربىيلەيدۇ،  ئاياللار بىلىم ئىگەللىسە ئۆزلىرىنى تەربىيلەيدۇ، ئەرلىرىنى ۋە  باللىرىنىمۇ تەربىيلەيدۇ»، دېگەن سۆزلىرىنى خاتىرلەپ ئۆتتى.

يىغىن ئاخىرىدا مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاتارلىق ۋەتەن خەلقنىڭ ئازادلىقى يولىدا شېھىت بولغان بارلىق قەھرىمانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلدى.

مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىم تەكلىماكان 1963 – يىلى 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى، قاغىلىق ناھىيىسى، بەشئېرىق يېزىسى، بۈكسۈڭۆي كەنتىدە، مەرىپەتپەرۋەر باغۋەن ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. مەرھۇمنىڭ دادىسى ھېسامىددىن ئابىت شۇ يۇرتنىڭ ئاقساللىرىدىن بىرى بولۇپ، كەنت جامەسى ئىمامى ۋە خاتىبى بولغان.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى قاغلىقتا ئوقۇپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن   1984 يىلى ئۆزى بىلەن ئىسىمداش بولغان، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر ئۆلىمالاردىن بىرى بولغان مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ قاغىلىقتا ئاچقان مەدرىسىگە ئوقۇشقا  كىرگەن.

مەخسۇمھاجىمنىڭ سەپداشلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1990- يىلىدىكى بارىن ئىنقىلابىنىڭ باستۇرۇلۇشىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي مۇھىتىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان ھەقىقەتپەرۋەر ئالىم – ئۆلىمالار، زىيالىيلار ۋە تالىبلار قايتىدىن تۇتقۇن قىلىنىشقا، تەقىب ئاستىغا ئېلىنىشقا باشلىغاندا 1992 – يىلى قاغىلىقتىكى مەدرىس تاقىلىپ، ئوقۇغۇچىلار تارقىتىۋېتىلگەن.  مەرھۇم مەخسۇم ھاجىم 1992-  يىلى 7 – ئايدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن، رۇخسەتسىز دىنى مەكتەپ ئاچقان، ياشلارنى توپلاپ چېنىقتۇرغان، ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتكەن، دېگەن بوھتانلار بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ۋە 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان. 1996 – يىلىنىڭ بېشىدا تۈرمىدىن چىققان بولسىمۇ، خىتاي ئىشغالچىلىرى قايتىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بولغاچقا، يۇرتى قاغلىقىتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنى ئايلىنىپ چىققان. ئاخىرىدا، ۋەزىيەتنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن مەخسۇمھاجىم 1996 – يىلى 11 – ئايدا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە قازاقىستان، پاكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، 1997 – يىلى يازدا ئىران ئارقىلىق مىسىرغا بارغان.ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم 2005- يىلى مىسىردىن تۈركىيەنىڭ تارىخىي پايتەختى بولغان ئىستانبۇلغا كېلىدۇ ۋە كېيىنكى 10 نەچچە يىللىق ھاياتىنى مۇشۇ شەھەردە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.

مەرھۇم مەخسۇمھاجىم 2006 – يىلى ئىستانبۇلدا بىر قىسىم ساۋاقداش ۋە سەپداشلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ  »شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى« نى قۇرۇپ چىققان. ئۇ بۇ جەمئىيەتنىڭ باش نازىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، جەمئىيەت خىزمەتلىرىنىڭ نىشانى ۋە ھەرىكەت مىزانلىرىنى كۈزىتىپ، ئىدىيەۋى پىكىر جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغان ۋە  ئاخىرقى تىنىقلىرىغا قەدەر جەمئىيەت خىزمەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان.

مەخسۇم ھاجىم ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغان 2006 – يىلىدىن تارتىپ، 2016 – يىلى ۋاپات بولۇپ كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش مەقسىتىدە «ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى»، خەلقنى ئىلمىي جەھەتتە بىلىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن «سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى ۋە نەشرىياتى»، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەسلىدىن تارتىپ ئۇنىۋېرىستىتقىچە ئوقۇش خىزمىتى ئۈچۈن «سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقپى»،  دىنى ئىتىقادى جەھەتتە خەلقنى توغرا ئەقىدە ۋە توغرا چۈشەنچە بىلەن يېتەكلەش ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» قاتارلىق بىر يۈرۈش جەمئىيەت ۋە ئورگانلارنىڭ قۇرۇلىشىدا جىددي رول ئوينىغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – مۇسا ئارسلان تاش

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

جاۋاب يېزىش

Back to top button