پائالىيەتلەر

غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 16 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش

غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 16 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار غۇلجا قەتلىئامىنىڭ 16 ‏يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى.

نامايىش شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مېھرى-شەپقەت جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قوللاپ ھەمكارلىشىشى بىلەن 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. نامايىشقا يەنە تۈركىيە مىللەتچى پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبىسى، تۇران ئوجاقلىرى تەشكىلاتى، قاراباغا ئازادلىق تەشكىلاتى، تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى، ئەھدى ۋاپا جەمئىيىتى، تۈركىيە ياشلار جەمئىيىتى، كۆكبۆرە تۈركچىلەر جەمئىيىتى، تۈرك دۇنياسى قېرىنداش مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، قىرغىز تۈركلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ھەم ئەزالىرى قاتناشتى.

نامايىشچىلار بىردەك ھالدا «ھەق-ھوقۇق ۋە ئادالەت، تۈركىستانغا ھۆرىيەت، تۈركىيە ئۇخلىما قېرىنداشلارغا ئىگە چىق، ئىشغالچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت، كۇرشادنىڭ نەسلى بىز، سەددىچىن سېپىلىدىن ئاشىمىز. شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان»، دېگەنگە ئوخشاش شوئار توۋلىدى.

نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈرك بايرىقى، ئەزەربەيجان ۋە قىرغىزىستان بايراقلىرى بىرگە لەپىلدىدى. نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدا يەنە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئىپادىلىگەن رەسىملەر ۋە «بارىننى، خوتەننى، غۇلجىنى ئۇنتۇمىدۇق، ئۇنتۇمايمىز»، «شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنى ئەيىبلەيمىز!»، دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار يېزىلغان ۋىۋىسكا لەۋھەلەرنى كۆتۈرگەن.

نامايىشقا كۆپ ساندا ئاخباراتچىلارمۇ كەلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تېبەت يۈجەتۈرك غۇلجا ۋەقەسىگە ئالاقىدار تەييارلىغان باياناتنى ئوقۇدى.

تىبەت يۈجە تۈرك مۇنداق دېدى: 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غۇلجا ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئارىدىن 16 يىل ئۆتتى. ھاۋا قەھرىتان سوغۇق قىش ۋاقتىدا قولى قانغا بويالغان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان شېھىتلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز.

 

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تىبەت يۈجە تۈرك، خىتاي ئەلچىلىككە، ئاخباراتچىلارغا ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە بىزگە دىققەت قىلىۋاتقان ئاخباراتچىلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىزنىڭ بۇ يەردە نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمىزغا دىققەت قىلىڭلار، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ پەريادلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇيغۇرلارنىڭ، ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشىگە، قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش يولىدا يۈزلەرچە شېھىت بېرىۋاتقانلىقىغا دىققەت بېرىڭلار، خىتاينىڭ قەتلىئام يۈرگۈزۈشىگە ئالدى بىلەن بىز ئاندىن دۇنيا جامائىتى سۈكۈت قىلىپ قاراپ تۇرسا قىرغىنچىلىق ھەر كۈنى داۋام قىلىدۇ.

كېيىن نامايىشقا قاتناشقان ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇل ياكى ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت ساقچىلارنىڭ رۇخسىتى بىلەن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يېقىنلاپ بېرىپ، قارا چەمبىرەك قويدى. قارا چەمبىرەك تۈركىيىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلەرنى ئەيىبلەپ قويۇلىدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشقا كىرىڭ

 

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close