پائالىيەتلەر

شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيىتىنىڭ 75 – يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىشى

ئىستانبۇلدىكى نامايىشتا شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئىشغالىيەتكە خاتىمە بېرىشكە، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقرىق قىلىندى. 

1 – ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركسىتان ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 75 – يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسى ئالدىغا جەم بولۇپ ئىشغالىيەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى. 

بۇ نامايىش خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى،  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋەخپى، خۇجا ئەخمەت يەسەۋىي ئىلىم ۋە ئىرپان ۋەخپى، خەلقئارا تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق كۆپ ساندا ئۇيغۇر ۋە تۈرك جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى قوللاپ نامايىشقا قاتناشتى. 

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق تۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان بايراقىلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا، «ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىپ كەت»، دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى. 

يىغىندا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى قاتارلىق بىر قانچە تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى، زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى. 

نامايىش جەرىيانىدا مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «شەرقىي تۈركسىتان 75 يىلدىن بۇيان ئىشغال ئاستىدا» تېمىدا بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن« 1949 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئىشغالچى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان ۋە شەرقىي تۈركسىتان فاشسىت خىتاي تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنغان قارا كۈندۈر، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۇ كۈننى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى دەپ تەبرىكلىمەكتە ۋە خىتاي دۆلەت بايرىمى كۈنى دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن بۇ كۈن ئانا ۋەتىنى ئىشغال قىلىنغان، مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان رەھبەرلەر، قەھرىمان ئەسكەرلەر ۋە نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئىنسانلار قىرغىن قىلىنغان كۈن دەپ خاتىرلەنمەكتە».

«شەرقىي تۈركسىتاننىڭ فاشسىت خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 75 – يىلىدا، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزىۋاتقان ئىشغالىيەت، سۆمۈرگۈچىلىك ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى  يەنە بىر قېتىم نەپرەت بىلدۈرىمىز. چېكىدىن ئېشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا لەنەت بىلدۈرۈش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىققا بولغان مۇستەھكەم ئىرادىسىى كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. بۇ مۇستەقىللىق كۈرىشىمىز يولىدا جانلىرىنى پىدا قىلغان شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەش، ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە ئىشغالىيەتكە بولغان قارشىلىقىمىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ،  شەرقىي تۈركسىتان ئىنسانىيەت تارىخىدىن بۇيانقى ئەركىن ۋە مۇستەقىل زېمىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنى بولۇپ كەلگەن. بۇ قەدىمىي جوغراپىيىلىك رايون نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان تۈرك مەدەنىيىتى ۋە ئۆرۈپ ئادەتلىرىنىڭ بۆشىكى بولۇپ، خىتايلار ئەزەلدىن بۇ رايوندا مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تىكلىيەلمىگەن. شەرقىي تۈركىستان تۈركىي خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق روھىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن مۇقەددەس ۋەتىنى سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇردى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىدۇ. 

باياناتتا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىككە ئايلاندۇرغاندىن باشلاپ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاپ سۆمۈرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنى بۇ بايلىقلاردىن پايدىلىنىشتىن مەھرۇم قويغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

«بۈگۈن 1 – ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركسىتان كوممۇنىست پارتىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان تارىخى كۈندۇر، بۇ كۈن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن چوڭقۇر بىر ماتەم ۋە ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئازاب – ئوقۇبەتنىڭ سىمىۋولىدۇر. ئۇيغۇرلار نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مەدەنىيەت، دىن ۋە تىل جەھەتتىكى بېسىملاردىن سىىرت يەنە يېقىندىن بۇيان ئۇچۇق ئاشكارا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە دۈچ كەلمەكتە». 

خىتاينىڭ پەقەت شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيا سېستىمىغا تەھدىت بولغان خەلقئارالىق بىر خەۋپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاننى ئىشغال قىلىشى پەقەت بىر مىللىي مەسىلە بولۇپلا قالماستىن بەلكى  ئوخشاش ۋاقىتتا دۇنيا سسېتىمى ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلغان خەلقئارالىق بىر خەۋپ ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل دۇنيا جامائىتى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك. 

ئاخىرىدا دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقرىق قىلىندى «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش ۋە ھازىر يۈرگۈزىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش پەقەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى مەسئۇلىيىتى. دۇنيا جامائەتى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق ۋىجدان ئىگىسى ئىنسانلار ئاۋاز چىقىرىشى ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك». 

نامايىش جەرىيانىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى ئابدۇسالام ئالىم، تۈرك ژۇرنالىست خالىس ئۆزدېمىر، جامائەت ئەربابىي ئابدۇلقادىر ياپچان قاتارلىقلا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقى ئەيبلەندى ۋە ئىسلام – تۈرك دۇنياسى  ۋە پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىنى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىشغالىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقرىق قىلدى. 

جاۋاب يېزىش

Back to top button