پائالىيەتلەر

ئىسلام دۇنياسى ياشلىرى يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەر بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شىمالى قىبرىس (سىپرۇس) تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى لەفكوشا شەھرىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ياشلىرى بىر يەرگە جەم بولدى.

2013 – يىلى 1 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، شىمالى قىبرىسنىڭ لەفكوشا شەھىرىدىكى يېقىن شەرق ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ياش قاتناشى. 

يىغىن 3 كۈن داۋام قىلغان بولۇپ بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ياشلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋەكىلى ئابدۇسالام تەكلىماكان قاتناشتى ۋە يىغىندا سۆز قىلىپ شەرقىي تۈركسىتان مەسىلسىىنى ئاڭلاتتى.

يىغىننىڭ ئۈچۈنجى كۈنى ئىسلام دۇنياسى دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى بالقان، ياۋروپا مۇسۇلمانلىرى شۇنداقلا ئاسىيا ۋە ئافرىقا مۇسۇلمانلىرى دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئاسيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغاندا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇسسالام تەكلىماكان ئەپەندى، «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىلىرى ۋە بۇ مەسىلىگە چىقىش يولى ئىزدەش» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى، ئابدۇسالام تەكلىماكان سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرىنى تۆت تۈرلۈك مەسلىگە يېغىنچاقلىدى:

1- خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسىمىلاسىيە سىياسىتى.

2- دىنى ئەركىنلىككە چەكلىمە قويۇش سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان.

3- خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى يوقۇتۇش سىياسىتى.

4- سەپەر قىلىش ئەركىنلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان.

يېغىننىڭ 3- كۈنى (يەنى 2 فېۋرال شەنبە كۈنى) ، ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. يېغىن 2 فېۋرال شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close