شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنى يېڭىدىن سايلاپ چىقتى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئالاھىدە سايلام يىغىنى 2025-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە جەمئىيەتنىڭ ئىستانبۇل فاتىھتىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، رەئىس ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى يېڭىدىن سايلاپ چىقىلدى.
سايلام يىغىنىغا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ كۆپ سانلىقى تولۇق قاتناشقان بولۇپ، يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە سايلام جەمئىيەت نىزامنامىسىغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.
قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان يىغىندا، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى ئالىي شۇرا ھەيئىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، بۇ قېتىمقى سايلام ئۆتكۈزۈشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. كېيىن، سايلامغا قاتناشقۇچىلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدانىڭ باشچىلىقىدا 3 كىشىلىك سايلام كومىتېتى قۇرۇلدى.
يىغىندا سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن سايلام قائىدىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەركىن ۋە مەخپىي بېلەت تاشلاش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنى سايلاشقا كىرىشىلدى. سايلام كومىتېتىنىڭ بېلەتلەرنى ساناش نەتىجىسىدە، مۇساجان ئەر، ئابلەتھاجىم مەۋلىۋىي، دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر، پروفېسسور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، تۇردى سىدىقئوغلى (مۆمىنجان)، ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى (نېمەتۇللاھ ھاجىم)، ئابدۇسسالام تەكلىماكان قاتارلىق 7 كىشىدىن تەركىپ تاپقان يېڭى ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشىپ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئىتى ئەزالىقىغا سايلاندى. كېيىن، بۇ 7 كىشى ئۆزئارا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس، باش كاتىپ ۋە مالىيە مەسئۇللىرىنى سايلاپ چىقتى. نەتىجىدە، شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە مۇساجان ئەر، مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، باش كاتىپلىققا ئابدۇسسالام تەكلىماكان، مالىيە مەسئۇللۇقىغا تۇردى سىدىقئوغلى سايلاندى. پروفېسسور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر ۋە ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى قاتارلىقلار ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. تەپتىش ھەيئىتى ئۈچ كىشىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، باش مۇپەتتىشلىككە دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا سايلاندى. دوكتور ئەلى رۇزى ئۆزئۇيغۇر ۋە مەردان ئۇيغۇر قاتارلىقلار تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.
سايلام نەتىجىسىگە ئاساسەن، يېڭىدىن رەئىس بولۇپ سايلانغان مۇساجان ئەر باشچىلىقىدىكى بۇ 7 كىشىلىك ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى 2025 – يىلى 8 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە رەسمىي تۈردە ۋەكىللىك قىلىپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
ھۆرمەت بىلەن:
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئىتى










