ماقالىلار

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى ھەققىدە چۈشەنچە

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى ۋە ھەرىكەتنىڭ باشلامچىلىقىدا قۇرۇلغان تەشكىلاتلاردا يېقىندا ئىجرا قىلىنغان سايلاملار ۋە نەتىجىلىرى ھەققىدە قىسقىچە بىر خۇلاسە يېزىشنى توغرا كۆردۈم. چۈنكى ئىسىملارنىڭ ئوخشاپ كىتىشى، ۋاقتىنىڭ يېقىن بولۇشى ۋە ئارىدا مەشرۇئىيىتى يوق ئىھانەت ماھىيىتىدىكى بەزى يالغان تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلىشى سەۋەپلىك ھەرىكىتىمىزنى ۋە تەشكىلاتلىرىمىزنى يىراقتىن كۈزىتىپ تۇرىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ چۈشەنچىسىدە بەزى مۇجمەللىكلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم. شۇنداقلا، مەن ھەققىدىكى سۇئاللارغىمۇ جاۋاب بىرىپ ئۆتمەكچىمەن:

بىرىنجى: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى، 2025-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدە ئېلىپ بېرىلغان سايلام نەتىجىسىدە، 11 كىشىلىك شۇرا ھەيئىتىنى سايلاپ چىقتى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى ئىسىمىدىكى تەشكىلىي قۇرۇلما، دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايۇنلىردا، ئ‍ۆزىنى بۇ ھەرىكەتكە نىسپەت بەرگەن، ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق شەخس، تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلارنى ئۆز ئاستىدا توپلىغان، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كىمىلىكى، مۇستەقىللىق نىشانى ۋە قىممەت-قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان ئىسلامىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىدىلوگىيە ئاساسىدىكى گۇرۇپپىدۇر. بۇ ھەرىكەت بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنىدىغان باشقا بارلىق قۇرۇلمىلارنىڭ ئۈستدىكى يىتەكچى ئورگاندۇر. سايلامنىڭ ھەرىكەتنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 50كە يېقىن ئىستىشارە ھەيئەت ئەزالىرى ئېلىپ باردى. ھەرىكەتنىڭ شۇرا ھەيئىتى ئەڭ يۇقىرى قارار ئالغۇچى، يىتەكلىگۈچى ۋە يول باشلىغۇچى ھەيئەتتۇر. ھەيئەت ئ‍ەزالىرى:

1. دوكتۇر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر – رەئىس

2. ئابدۇسالام ئالىم

3. سىراجىدىن ئەزىزى

4. دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار

5. نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي

6. ئۆمەر مەخسۇم

7. ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز

8. مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

9. مۇھەممەد ئاتاۋۇللاھ

10. ئابدۇۋارىس خوتەن

11. ئابدۇسالام تەكلىماكان

ئىككىنجى: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، بۇ جەمئىيەتنىڭ سايلىمى 2025-يىلى، 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلىپ بېرىلدى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت ۋە تەپتىش ھەيئىتى سايلاندى. بۇ جەمئىيەت 2006-يىلى تۈركىيەدە قۇرۇلغان، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىك تەشكىلاتى سۈپىتىدە پائالىيەت قىلغان بىر جەمئىيەتتۇر. بۇ جەمئىيەت شىۋىتىسىيە، گوللاندىيەدە ئوخشاش ئىسىمدا قۇرۇلغان باشقا مائارىپ جەمئىيەتلىرى بىلەن ئورتاق پىكىر ئاساسىدا پائالىيەت قىلىپ كىلىۋاتىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق نىشانى ئاساسىدا ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ جەمئىيەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىللىك ئىجرا ئورگىنى سۈپىتىدە ئىجتىمائىي، سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ جەمئىيەتنىڭ سايلىمى تۈركىيەدە جەمئىيەتلەرنى باشقۇرۇش قانۇنى ئاساسىدا، جەمئىيەتكە رەسمىي ئەنگە ئالدۇرغان ئەزالىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى. سايلام نەتىجىسىدە، تۈۋەندىكى ئىسىملار سايلاندى ۋە ۋەزىپە ئالدى:

ئىدارە ھەيئىتى:

1. مۇساجان ئارسلان تاش (مۇساجان ئەر) – رەئىس

2. ئابدۇلئەھەد مەۋلەۋىي – مۇئاۋىن رەئىس

3. ئابدۇسالام تەكلىماكان – باش كاتىپ

4. مۆمىنجان سىدىق – مالىيە مەسئۇلى

5. ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى (نىمەتۇللاھ قارىم) – ئەزا

6. دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار – ئەزا

7. دوكتۇر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر – ئەزا

تەپتىش ھەيئىتى:

1. دوكتۇر ئالىمجان بوغدا – تەپتىش ھەيئىتى رەئىسى

2. دوكتۇر ئەلى رۇزى ئۆزئۇيغۇر – تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى

3. مەردان ئۇيغۇر – تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى

ئۈچۈنچى: خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، 2025-يىلى، 8-ئاينىڭ 2-كۈنى سايلام ئېلىپ باردى. سايلام بىرلىكنىڭ ئەزا تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى. ھەر تەشكىلاتتىن 3 كىشى ۋەكىل بولۇپ يىغىنغا قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلىندى ۋە كەلگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي ۋەكىللەر سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىدىن كۆپ بولغان بولۇپ، سايلام قانۇنلۇق شەكىلدە، تۈركىيە قانۇنىغا ئۇيغۇن ئېلىپ بېرىلدى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، 2016-يىلى مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ باشلامچىلىقىدا تۈركىيەدە ئۇلى سېلىنغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئاساسىدا، 2019-يىلى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى نامىدا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ھەرىكەت نىشانىي بولغان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خەلقئارادا خەلق دىپلوماتىيىسى ۋە مۇھاجىرەت جەمئىيىتى بەرپا قىلىش مەقسىتىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كىلىۋاتىدۇ ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەزا تەشكىلاتلىرى باردۇر. بىرلىكنىڭ ئەزالىرى تەشكىلاتلاردۇر. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مائارىپ جەمئىيەتلىرى بىرلىكنىڭ قۇرۇغۇچى ئەزالىرىدۇر. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكتى بولغان بىرلىكنىڭ قۇرغۇچى ئىدىلوگيەنى تەمسىل قىلىدۇ ۋە بىرلىككە پىكرى يىتەكچىلىك رولىنى ئوينايدۇ ئەمما بىرلىك ئۆزىنىڭ سايلىمى، ئىجرائاتلىرى ۋە خىزمەتلىرىدا قانۇنغا ۋە ئەزالىرىنىڭ قارارلىرىغا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بىرلىكنىڭ يېڭى سايلانغان ئورگانلىرى ۋە ئىسىملار:

ئىدارە ھەيئەت:

1. نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي – رەئىس

2. مۇساجان ئەر – مۇئاۋىن رەئىس

3. ئوبۇلقاسىم زەرەپشان – مۇئاۋىن رەئىس

4. زىكرۇللاھ ئالىم – باش كاتىپ

5. نىزامىدىن تەمكىنىي – مالىيە مەسئۇلى

6. ئىبراھىم يۈسۈپ – ياۋرۇپا ۋەكىلى

7. مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر – ئائىلە ۋە ئاياللار مەسئۇلى

8. ئابدۇسالام تەكلىماكان – ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى

9. مەردان ئۇيغۇر – ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى

تەپتىش ھەيئىتى:

1. دوكتۇر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

2. سىراجىدىن ئەزىزى

3. ئابدۇسالام ئالىم

تۆتىنجى: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ 2025-يىلى، 8-ئاينىڭ، 14-كۈنىدىكى باياناتىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى ۋە ھەرىكەتكە ئائىت بارلىق تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزىۋېتىلگەن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ھېچبىرىدە ئالاقىسى يوقتۇر ۋە شۇنداقلا، ئ‍ۆزىنىڭ قوللىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سايلاملارغىمۇ قاتناشمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ئوخشاش كۈندە قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى جەمئىيىتى» مەشرۇئىيىتى يوق بولۇپ، يۇقارىدىكى ھېچبىر تەشكىلات ۋە ھەرىكەتنى ئالاقدار قىلمايدۇ ۋە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

ماڭا كەلسەم، مەن 2018-يىلى بۇ شەرەپلىك كارۋانغا قوشۇلغاندىن تارتىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ياراملىق بىر شەخس بولۇشقا تىرىشىپ كەلدىم. بۈگۈنگىچە ھەرىكىتىمىزنىڭ تەشكىلاتلىرىدىن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسى ۋە شۇنداقلا كۈپىنچە كىشىلەرنىڭ بىلگىنىدەك خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى باش كاتىبى بولۇپ ۋەزىپە ئېلىپ كەلگەن ئىدىم. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سايلاملار نەتىجىسىدە، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئىدارە ھەيئىتىدىكى باش كاتىپلىق ۋەزىپەم 2025-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن تارتىپ ئاخىرلاشتى. ئەمما ھەرۋاقىت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىگە بولغان مەنسۇبىيىتىم داۋام قىلىدۇ ۋە شۇرا ھەيئىتىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ھەرىكىتىمىزنىڭ نىشانىغا ئېلىپ بارىدىغان بارلىق خىزمەتلەردە ئاكتىپ كۈچ چىقىرىمەن ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ئەزا تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە ھەرۋاقىت تۆھپە قوشىمەن.

ئابدۇرېشىت ئىمىنھاجى تەييارلىدى

جاۋاب يېزىش

Back to top button