پائالىيەتلەر

تارىختا قۇرۇلغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ئالاھىدە خاتىرىلەندى

تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ئالاھىدە خاتىرىلەندى

ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدراسىيسى قاتارلىق 19 ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1933 – يىلى 12 -نويابىر قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 92 – يىلى ۋە 1944 – يىلى 12 – نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 81 – يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن 12-نويابىر كەچتە ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان كازلىچەشمە مەدەنىيەت مەركىزىدە جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار، جامائەت ئەربابلىرى، زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغان مەزكۇر خاتىرىلەش مۇراسىمى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال مارشلىرى بىلەن باشلاندى.

ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى جۇمھۇرىيەت كۈنىگە ئاتاپ تەييارلىغان قىسقا فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى سەھنىگە چىقىپ، ئۆزئارا بىرلىك باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى، مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. ئارقىدىن تەشكىلات مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ئايرىم-ئايرىم سالام سۆزى قىلدى. ئۇلاردىن سىرت يەنە پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان يەسەۋىي ئالپەرەنلەر جەمئىيىتى رەئىسى كۈرشات مىجان، زەيتىنبۇرنۇ قايماقامى دوكتور ئادەم ئۇسلۇ قاتارلىق مېھمانلارمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا بولغان ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى ئىپادىلىدى.

بىر تۈركۈم ياش-ئۆسمۈرلەر جۇمھۇرىيەت كۈنى ئۈچۈن تەييارلىغان شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق نومۇرلىرىنى ئورۇندىغاندىن كېيىن، پائالىيەتنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى قىسمى باشلاندى.

مۇھاكىمە يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد رىياسەتىچلىك قىلدى، يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا،  1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم، 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىقىلىشىدىن ئېلىنىدىغان ساۋاقلار ھەققىدە، دوكتور ئاۋاز نۇرمۇھەممەد شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى، شۇ ۋاقىتتىكى تارىخىي ۋەزىيەت ھەققىدە، دوكتور ئابدۇرېھىم دۆلەت، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتە خىتايغا قارشى كونكرېت نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى. خاتىرىلەش مۇراسىمى پىروفېسسور دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيارنىڭ قول كۆتۈرۈشى بىلەن ئوپچە دۇئا بىلەن ئاياغلاشتى.

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدا ھەمكارلىق ئورناتقان ۋە بۇ يىغىنغا ساھىپخانلىق قىلغان تەشكىلاتلار: 


نۇمۇر
تەشكىلات ئىسمىتەشكىلات رەئىسىنىڭ ئىسىم پامىلىسى
1شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىئالىمجان بۇغدا
2خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىمۇئاۋىن رەئىسى ئوبۇلقاسىم زەرەپشان
3شەرقىي تۈركىستان پېدراتسىيەسىئېمىر ھەسەن
4تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرىئىمىر ھەسەن
5شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىمۇساجان ئەر
6دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتى ۋەقپىئابدۇرىشىت ئابدۇلھەمىد
7ئۇيغۇر ئاكادىمىسى ۋەقپىئابدۇلھەمىد قاراخان
8سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقپىئابدۇلخالىق ئۇيغۇر
9ئىلى مەشرەپ ئۇيغۇر ۋەقپىقۇدرەت (جۇرئەت) غۇلجا
10ئۇيغۇر ئىلىم – مەرىپەت ۋەخپىھەبىبۇللاھ كۈسەنى
11ماۋى ھىلال ئىنسانى ياردەم جەمئىيىتىئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى
12شەرقىي تۈركىستان جەمئىيتىئەلى سالىھ
13خانلىق مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق ۋەقپىئابدۇلئەزىز خەلپەتھاجىم
14ئابدۇساتتار ھاجىم سەئىدىيە ۋەقپىئوبۇلقاسىم زەرەپشان
15شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۈزۈتىش جەمئىيتىئابدۇرەشىت ئېمىنھاجى
16دارۇلئىمان ئاكادېمىسىمەخمۇت ئىمىن داموللال
17شەرقىي تۈركىستان يىڭى نەسىل ھەرىكىتىئابدۇللاھ موھىددىنئوغلى
18شەرقىي تۈركىستان نۇزۇكۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىمۇنەۋەر ئۆز ئۇيغۇر
19تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى 

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى 2025- يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئىستانبۇل

جاۋاب يېزىش

Back to top button