ماقالىلار

نېمىگە ئاساسەن « ساقال قويۇش ۋە چۇمبەلتارتىش »چەكلىندۇ؟

نېمىگە ئاساسەن « ساقال قويۇش ۋە چۇمبەلتارتىش »چەكلىندۇ؟

غۇلجا شەھرىدە قاناتيايدورىلىۋاتقان « دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتورۇپ، مەدىنىي- ساغلام تۇرمۇشنى قەدىرلەش » پائالىيىتىڭ خەۋىرى سۇمرۇغ، سىنا قاتارلىق ھەرقايسى چوڭ توربېكىتىنىڭ باش بىتىدە خەۋەر قىلىندى. بۇپائالىيەتتە « بارلىق كوچا باشقارمىسىدىكى ئازسانلىق مىللەت ئاياللىرى ۋەياشلارنىڭدىنىي تۇستىكى كىيىم كېيىشى،ساقال قويىشى ۋە چۇمبەل تارتىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئادىتى ناتوغرا كەيپىيات دەپ قارىلىپ ئۇزىل- كىسىل يوقۇتىش »تەلەپ قىلىنغان ، بۇ ئىشقا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ.

مەندەك كۆرگەن- بىلگىنى ئاز گاداي تالىپنىڭ «دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتورىش » دىگەن سىياسىي ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم، دىنىي ئېتىقاد دىگەن چۇقۇنغۇچىلاردا شەكىللەنگەن پۇتۇن ۋۇجۇدىغا سىڭگەن قەتئى تەۋرەنمەس بۇيۇك ئېتىقاد بولۇپ، ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ دىلىغا « چوڭقۇر »ئورناپ كەتكەن بولىدۇ، خىتايدىكى ئاتام زامانىدىن بېرى باربولغان داۋجىياۋ، بۇددا،خىرىستىئان، كاتولىك ۋە ئىسلام دىنى قاتارلىق بەش چوڭ دىننى « سۇسلاشتۇرىش »دىگەنلىك « ئاجىزلاشتۇرىپ يوقۇتىش » دىگەنلىك بولۇپ، بىھۇدە ئورىنىشتىن باشقانەرسە ئەمەس، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئالاھىيدىلىگى شۇكى ئۇنىڭ مۇققەددەسلىكى، سۇرلىكلىكى،سادىقلىقى ئېنسانىيەتنىڭ مۇكەممەللىككە ۋە ئاخىرزامان قارىشىغا چوڭقۇر سىڭىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ دىلىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن بولۇپ قانداقمۇ خالىغانچەسۇسلاشتۇرغىلى بولسۇن؟

دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىگى ھازىرقى زاماندىكى ئىنسانىيەت ئەركىنلىكىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى، پۇتۇن دۇنيا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئىزچىل « پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسى » نىڭ يادروسى دەپ قاراپ كەلمەكتە. بۇنىڭدا ھەرقانداق پۇقرانىڭ دىنغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىگى بولۇپ، ئاتا- ئانىنىڭ ھەتتا قورامىغا يەتمىگەن پەزەنتىگە دىنغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكىنى تاللاش ھوقۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە مەجبۇرىي دەخلى- تەرۇز قىلىشىغا، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ ئارلىشىشقا بولمايدىغانلىغىنى تەكىتلەيدۇ.

ماركىس « 哥达纲领批评 » دىگەن كىتاۋىدا « ھەر بىر كىشىنىڭ دىنىي ئىھتىياجى خۇددى جىسمانىي ئىھتىياجدەك مۇھىم بولۇپ، ساقچىلارنىڭ ئارلىشىشغىمۇ بولمايدۇ » دەپ كۆرسىتىدۇ. « دىننىي كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرىش » بولسا، ئەمىلىيەتتەھوقۇقنىڭ دىنغا بولغان بىر خىل بېسىمى شۇنداقلا دىنىي ئېتىقادچىلارنىڭ ئىرادىسىگەخىلاپ ھالدا مەجبۇرىي تېڭىلغان بولۇپ، بۇ خىل ھەرىكەت مەيلى مەخسەتلىك ياكى مەخسەتسىز بولسۇن،پۇخرالارنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىك ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ.

دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى پۇقرالارغا بەرگەن بىرخىل مۇققەددەس ھوقۇق شۇنداقلا كومپارتىيەنىڭ ئاساسىي دىنىي سىياسىتى، « ئاساسىي قانۇن » نىڭ 36- ماددىسىدا « جوڭخۇا خەلق جومھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار، ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائى تەشكىلات ۋە شەخىسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىككە مەجبورلاشقا، دىنغا ئىشىنىدىغان ۋە ئىشەنمەيدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ، دۆلەت نۇرمال دىنىي پائالىيەتنى قوغدايدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن. دۆلەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسىمۇ پۇتۇن دۇنياغا « خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەقىقى بولۇپ ئۆزگەرمەيدۇ »دەپ بايانات ئىلان قىلغان، ئۇنداقتا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىنىي سىياسىتى « ھەقىقى ئۆزگەرمەس » تۇرسا، نىمە ئۇچىن غۇلجىدا يەنە ئاشۇنداق بىمەنىلىك يۇز بىرىدۇ؟

غۇلجىدا « دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتورۇش » نى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپلا قالماي بەلكى كىشىنى خاتىرجەمسىزلاندۇرىدىغىنى شۇكى مەجبۇرىي ھالدا « ساقالنى چۇشۇرىپ چۇمبەلنى ئېچىۋىتىش » نى كىم ئويلىسۇن، ئۇنى ئازدىگەندەك ئىسلام مۇخلىسلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەرەپچە كىيىمى، ساقېلى ۋە چۇمبەل تارتىشىنى« بىنۇرمال ئەھۋال » دەپ قاراپ « ئومۇمىييۇزلىك يوقۇتىش » قا مەجبۇرىي بۇيرۇق قىلغانلىقى، ئىختىيارسىز ھالدا تالىبان ھاكىمىيەت يۇرگۇزگىنىدە « بارلىق ئەرلەرچۇقۇم ئىككى ئاي ئىچىدە ساقال قويىشى لازىم خىلاپلىق قىلغۇچىلار قاتتىق جازالىنىدۇ» دىگەن پەرمانىنى ئەسلەپ قالىدۇ كىشى.

بىر دىننىڭ دىن بولۇپ شەكىللىنىشى ئۇچ قاتلاملىققا ئىگە، بىرىنجىسى دىننىڭ ئىددىيىۋى قارىشى ۋە دىنىي ئەقىدىسى، ئىككىنجىسى دىننىڭ پەيغەمبىرى ۋە چۇقۇنىدىغان ئوبىكىت، ئۇچىنجىسى دىنىي تۇزىم ۋە دىنىي تەشكىلات. ھەربىردىن ئوخشىمىغان سىمۇۋۇللىق ئىتىقادقا ئىگە، مەسىلەن بۇددا دىندا راھىپلار تاقىرباش بولۇپ، بەدىننى كاسايا بىلەن ئورايدۇ، مۇسۇلمانلار ئەرەپچە كىيىنىپ، ئەرلەر ساقال قويىدۇ، ئاياللار چۇمبەل تارتىدۇ، شۇنىڭ ئۇچىن غۇلجىنىڭ ئىسلام ئەنئەنىسىنى «بىنۇرمال ئەھۋال » دەپ قارىشى بىرخىل دىنىي كەمسىتىش ھەركىتى بولۇپ «ئومۇمىييۇزلىك يوقۇتىش » قا مەجبۇرلىشى دىنىي ئەركىنلىككە دەخلى- تەرۇز قىلىش قىلمىشى ھىساپلىنىدۇ، بۇ بىرخىل ئۇچىغا چىققان ئەخلاقسىزلىق شۇنداقلا ئاساسىي قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق.

ئەرەپچە كىينىش، ساقال قويىش ۋە چۇمبەل تارتىش ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى، ئىسلام مەدىنىيىتىمۇ ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا، باشقا مەدىنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى، سىڭېشى، قۇشۇلىشى جەريانىدا ئۇزىنى ئۇزلىكسىز بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۇرگەن، ئىسلامى كىيىم-كىچەكلەرئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ بىرقىسمى شۇنداقلا ئىسلامنىڭ ئۆزگىچە بىر ئالاھىيدىلىگى. ئەرەپ ئاياللىرى چۇمبەل تارتىپ پۇتۇن بەدىننى ئورىۋالىدۇ، ئىسلام كىيىم-كىچەك مەدىنىيىتىنىڭ بىردەكلىكى، ئىسلام دىني ئەقىدىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىممەت قارىشىنىڭ بىرى بولۇپ مەدىنىيەت،تارىخ، دەۋىر ۋە گۇزەللىكتىن ئىبارەت ھەرقايسى ئامىللارنىڭ يىتەكچى ئىددىيسىگە قوماندانلىق قىلىپ مۇشۇخىل ئەخلاق قارىشىنى ئاساس قىلىدۇ. ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ نىپىز، ئۇچۇق ياكى يېرىم ئۇچۇق كىينىشىشىنى ياكى كۆكسى، بىلى، دۇمبىسى ئۇچۇق كىيىنىشىنى قەتئى چەكلەيدۇ. ئىسلام كىيم-كىچەك مەدىنىيىتىنى غەلىتە كىيىم-كىچەك مەدىنىيىتى دەپ قاراش، ئىددىيە جەھەتتىكى قاتماللىقنى كەلتۇرىپ چىقېرىدۇ، بۇ ئېنىق بولغان باشقا مەدىنىيەتنى يەكلەش ھىساپلىنىدۇ.

غۇلجىدىكى ئىسلام ئەنئەنىسىدىكى كىيىمنى سېلىۋىتىشكە مەجبۇرلاپ « يىڭى ئادەت » نى تەشەببۇس قىلىشى، ئېقىلسىزلىقمۇ ياكى ئەخلاقسىزلىقمۇ ؟ بىلگىلى بولمايدۇ، كوچىلاردا سېتىلىۋاتقان « 时尚 » ژورنىلىغا قاراپ باقايلى، ئاشۇ ژورنالغا بېسىلغان يېرىم يالىڭاچ كىيىم-كىچەكنى مۇسۇلمانلار كىيسە مۇۋاپپىق بولامدۇ؟ مۇسۇلمانلارنىڭ شەخسى ئەركىنلىكىگە يەرلىك ھۆكۇمەت نىمە ئۇچۇن ئارلىشىدۇ؟ خەنزۇلارنىڭ كىيىم-كىچىكى مەدىنيەت ئىنقىلاۋىدا بىرخىللا ئىدى، ئىسلاھاتتىن كىيىن رەڭگارەڭ تۇس ئالدى، ھازىرغىچە بىرەر ئورگان ياكى رەھبەر ئارىلاشتىمۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا باش مىنىستىر خۇياۋباڭ باشلامچىلىق بىلەن كاستۇم- بۇرۇلكا كىيىپ ئۆلگە كۆرسەتكەن، بىراق پۇخرالارنى كىيىشكە مەجبۇرلىمىغان، ئەگەر ئازسانلىق مىللەت مەدىنىيىتىنى ھەقىقى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداشنى بىلمىسەك، سىياسىي مەدىنىيلىك ۋە ھاكىمىيەت يۇرگۇزىشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن ؟

« ساقال » خەنزۇلارنىڭ نەزىرىدە ئارتۇق نەرسە چۇشۇرىۋەتسە بولىدۇ، بىراق مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە ساقال ئەرلىك بەلگىسى ۋەئاللاغا بولغان ئېتىقادنىڭ سىمۇۋۇلى، پىشقان ئەرلىككە، باتۇرلىققا، ئىمانغا ۋە ئەرلىك ئوبرازغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگە. چۇنكى مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ۋەساھابىلەرمۇ ساقال قويغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ساقال قويۇشى باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە نائىل بولىدۇ، شۇڭا ساقال قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ساقىلى خالىغانچە ئالىدىغان نەرسە ئەمەس بەلكى دىنىي ئېتىقادىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە.

غۇلجا شەھرىگە قاراشلىق رايۇنلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ساقىلىنى مەجبۇرىي چۇشۇرىشى ۋە بەزى كوچا باشقارمىلىرىنىڭ « قانۇن تەربىيە سىنىپى » ئېچىپ، ئۇچ ئاي ئىچىدە چۇقۇم ساقىلىنى چۇشۇرىشكە مەجبۇرلىشىنىڭ، مەدنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى 10 يىللىق قالايمىقانچىلىقتا مۇسۇلمانلارنى چوشقا بېقىشقا مەجبۇرلاش ۋە قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ مەسچىتلەردە چوشقا گوشى يىگەن بىلەن نىمە پەرقى؟ ئەجىبا مۇسۇلمانلار ساقىلىنى چۇشۇرىۋەتسە جەمىيەت تېخىمۇ مۇقىم، شەھەرتېخىمۇ مەدىنىي، بولگۇنچىلەر ئۇزىل-كىسىل تۇگەرمۇ؟ مىنىڭچە بۇخىل يولسىزلىق ئۆچمەنلىكنىڭ ئۇرۇقىنى چاچىدۇ خالاس.

ئاتاغلىق بۇددا دىنىي داھىسى جاۋ پوچىۇ ئەپەندى« ئىلگىركى سولچىل ئىددىينىڭ تەسىرىدە دىننىڭ ھۆرمەتلەنمەسلىك، دىننىڭ مەدىنىيەت خاسلىقىغا سەل قارىغانلىق، ھازىرقى دىنىي مەدىنىيەت ئامىلىنىڭ گەۋدىلىنىشى، دىننىڭ بىر خىل ئېتىقاد شۇنداقلا بىرخىل مەدىنىيەت بولغانلىقىدا، دىننىڭ مەدىنىيەت شەكلىنى تەكىتلەش كىرەككى، ھەرگىزمۇ دىنىي ئىتىقادنى سۇسلاشتۇرۇشنى تەكىتلىمەسلىك كىرەك » دەيدۇ. مىنىڭچە ئەگەر دىن سۇسلاشسا، مەدىنىيەتمۇ سۇسلىشىدۇ. ھازىرقى خىتايدىكى ھەرخىل رەزىللىك ۋە قالامىقانچىلىقنىڭ كۆرۇلىشى بۇنىڭغا مىسال ئەمەسمۇ؟ ئەخلاقنىڭ يوقۇلىشى، ئېتىقادنىڭ يىمىرلىشى، ئەمەلدارنىڭ چىرىكلىشىشى، نۇرغۇن كىشىنىڭ دىنغا ئەمەس بەلكى ھوقۇق بىلەن پۇلغا چۇقۇنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئامىرىكىنىڭ 3- نۆۋەتلىك رەئىسى ئەركىنلىك ختابنامىسىنىڭ بەرپاچىسى جىپپىرسۇن «ئەخلاق جەمىيەتنىڭ ئۇلتېشى، دىن ئەخلاقنىڭ قوغدىغۇچىسى » دەيدۇ. ئېتىقادى يوق جەمىيەتتە ھەرقانداق « رەزىللىك » يۇزبىرىدۇ، ئېتىقادى يوق ئادەم ئېدراكىي ئەخلاقنى يوقىتىپ، ھەرقانداق رەزىللىكنى قىلىشتىن يانمايدۇ.

يەرشارلىشىۋاتقان ھازىرقى دەۋىردە، دىنىي ئېتىقاد ئەقلىي ئىدراكقا ۋە ئىلگىرىلەشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دىننى ھەرگىز يوقاتقىلى بولمايدۇ ۋە يوقالمايدۇ، چۇنكى بۇدۇنيا ئېتىقادقا مۇھتاج. ئىنسانىيەت جەمىيىتى «دىنىي مەدىنىيەت » جەمىيىتىدىن « ئۆرىپ- ئادەت مەدىنىيەت » جەمىيىتىگە ئۆتكەن، جەمىيەتنى ئىدارە قىلىش « ئىلاھى ئىدارە قىلىش »، « ئادەمى ئىدارە قىلىش » ۋە «قانۇنى ئىدارە قىلىش » قا تەرەققىي قىلغان، دىنسىزلاشتۇرىش دىنىي ئېتىقادنى ھەرگىز يوقۇتالمايدۇ ۋە سۇسلاشتۇرالمايدۇ بەلكى زامانىۋى تەرەققىياتتا دىنىي ئېتىقاد «سىجىل تەرەققىيات » نىڭ ھەركەتلەندۇرگۇچ كۇچى بولىدۇ.

« دەھرىيلىشىش » ئىككى قاتلاملىق مەنىگە ئىگە، بىرىنجىسى «دەھرىيلىشىش » يەنە « ئىلاھسىزلاشتۇرىش » دىگەنلىك بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئىلاھ قارىشىنى يوقۇتىشنى كۆرسىتىدۇ. « دەھرىيلىشىش » تىن كىيىنمۇ دىننىڭ ماھىيىتى ۋەقىممەت قارىشى يەنە ساقلىنىپ قالىدۇ. ئىككىنجىسى « دەھرىيلىشىش » زامانىۋىلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس، دىن يەنىلا كىشىلەرنىڭ قەلبىدە، تۇرمۇشىدا، ئومۇمىييۇزلىك ساقلىنىدۇ بەلكى ئەبىدىي يۇقالمايدۇ.

رەئىس خۇ جىنتاۋ «بىزنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائى ساھەدە، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمەت ئومۇمىيلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بەش چوڭ مۇناسىۋەتنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىش لازىم، بۇ مىللىي مۇناسىۋەت ۋە دىنىي مۇناسىۋەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يېڭى دەۋىردىكى دىنىي جەھەتتىكى مۇھىم ئىش ‹ دىننى سوتسىيالىستىك جەمىيەتكە ماسلىشىشقا ئاكتىپ يىتەكلەش، دىنىي زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سورىشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارىي قىلدورىش، دىننىڭ جەمىيەتتىكى رولى ۋە قىممىتىنى جارىي قىلدورىشتا ئاۋال ئېتىقادتىكى باراۋەرلىككە ھۆرمەت قىلىش › ۋە بىرگە مەۋجۇت بولۇشتا چىڭ تورۇپ، ئالماشتۇرۇش ۋە چۇشۇنىشنى ئېلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋىتىلگەن ئازادە يىڭى تۇرمۇش ئاتاقىلىش لازىم. كۆپ قۇتۇپلىق ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدىنىيەتكە يۇزلەنگېنىمىزدە، خىتاينىڭ ئېچىۋىتىلگەن جەمىيەتنىڭ ئەزاسى بولۇش ئۇچۇن ‹ بىر خىل قىممەت قارىشى › غا مەجبۇرلاش مۇمكىن ئەمەس بەلكى مول رەڭگارەڭ مەدىنىيەت مۇھىتىدا ئىناق بىرگە ياشايدۇ » دىدى. دىننىڭ ئۆزى بىرخىل مۇستەقىل تۇرمۇش شەكلى، ھاكىمىيەت يۇرگۇزگۇچىلەر ھەرگەز رەڭلىك ئەينەك تاقاپ باھا بەرمەسلىكى، ئاددىي ھالدىكى قوپاللىق، ياخشى ئىشنى بوزۇپ قويىدۇ خالاس.

دىنىي كەڭچىلىك، دىنىي ئەركىنلىك، ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولسا ئىددىيە ئەركىنلىكى ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشنىڭ مۇھىم يولى، بىراق ئىددىيە ئەركىنلىكى ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكى نۆۋەتتىكى مەملىكىتىمىزدە ھەقىقەتەن كەم ئۇچرايدۇ.

مەنبە: مىسرانىم

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close