پائالىيەتلەر

تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى خاتىرلەندى

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يىللىق خاتىرە مۇراسىمى 12-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى كازلىچېشمە مەدەنىيەت مەركىزىدە كەڭ كۆلەمدە قاتناشقۇچىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمدا 1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 92 يىللىقى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى گۈلجادا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 81 يىللىقى ھۆرمەت ۋە قەتئىيلىك بىلەن خاتىرىلەندى.

نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر تارىختىكى ئىككى شانلىق جۇمھۇرىيەتنى ئەسلەپ، شەرقىي تۈركستان دەۋاسىنىڭ پەقەت بىر ئەسلىمە ئەمەس، بەلكى تىرىك كۈرەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. نۇتۇقلاردا شەرقىي تۈركستاننىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ئىدىيىسىنىڭ ھەرگىز ئۆچۈپ كەتمىگەنلىكى ۋە مۇستەقىل ۋە ئەركىن شەرقىي تۈركستان دۆلىتىنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەشنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

پروگراممىدا «شەرقىي تۈركستان دەۋاسى ئادىل، بۇ دەۋا تارىخ ۋە مىللەت تەرىپىدىن يۈكلەنگەن مۇقەددەس مەسئۇلىيەت» دېگەن سۆز كۈچلۈك ئىپادىلەندى.

جاۋاب يېزىش

Back to top button