پائالىيەتلەر

جەمئىيىتىمىزدە قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلار ئارا ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەت يىغىنىنىڭ بۇ ئايلىقى 2025 – يىلى 11 – ئاينىڭ 22 – كۈنى چۈشتىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈۈلدى. 

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. 

يىغىنغا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇسالام تەكلىماكان رىياسەتچىلىك قىلدى. 

يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت – پائالىيەتلىرىدىن دوكىلات بەردى. 

كېيىن جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ۋە سابىق رەئىسى پروفېسسور دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ، قېرىنداشلىقنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تۈرمىگە قامالغانلىقىنى ياكى شېھىت قىلىنغانلىقىنى، ئەگەر ۋەتەندە بولسا ئۆزلىرىنىڭمۇ ساق قالماستىن تۈرمىگە قامىلىش ياكى ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇشىنىڭ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەسلىكىنى، بىراق چەتئەلدە ئەركىن ياشاۋاتقان بولسىمۇ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا ئۇرۇق – تۇققانلارنى سېغىنىشنىڭ مۇزتىرابىنى چېكىۋاتقانلىقىنى يىغىن ئەھلىنىڭمۇ ئوخشاش تەقىدىرنى باشتىن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقانلار ۋەتەن ئىچىدە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقىمىز ئۈچۈن بىر ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە «ئۆلۈم ھامان بىر كۈنى ھەممىمىزنىڭ بېشىغا كېلىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورقماستىن ھەممىمىز ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك»، دېدى. 

ئۇ سۆزىدە يەنە ئىسلام دىنىنىڭ بىر تەرەپلىمە دىن بولماستىن بەلكى ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىسلام دىنى، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات ئايرىش، جىھاد قىلىش قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ساھەدە ئىنسانلارنى ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىشقا تەشەببۇس قىلىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلدى. 

يىغىن ئاخىرىدا جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، ئايلىق ئۇچرىشىش يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بۇنىڭغا سەل قارىماستىن تولۇق قاتنىشىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 

ئۇ سۆزىدە يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانى كۈچى ھەممىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ماددى كۈچىدىن قۇرقماسلىق كېرەكلىكىنى، مۇسۇلمانلار ھامان بىر كۈنى ئىمانى كۈچى بىلەن خىتاينىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ غەلبە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلدى. 

جاۋاب يېزىش

Back to top button