مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان تەكلىماكان مەخسۇمنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان تەكلىماكان مەخسۇمنىڭ ھايات ئىش – ئىزلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
20-دېكابىر شەنبە كۈنى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ئىتتىپاقلىق جەمئىيىتى ئايلىق قېرىنداشلىق يىغىنى ۋە «مائارىپ» ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان تەكلىماكان مەخسۇم ھاجىمنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەت ئۇيغۇر مەدەنىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. دىنىي ئالىملار، ھەر خىل تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى ۋە نۇرغۇن «مائارىپ» ئەزالىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يىغىنغا قاتناشتى.
ئالدى بىلەن، مەرھۇم مەخسۇم ھاجىمنىڭ روھىغا قۇرئان ئوقۇلدى ۋە دۇئا قىلىندى. ئاندىن شەرقىي تۈركستان مائارىپ ۋە ئىتتىپاقلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئېر، شەرقىي تۈركستان ئالىملار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، ئالىملار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىز ۋە كائان ئۈندەرى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلدى. نۇتۇقلاردا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ 2006-يىلى تۈركىيەدە قۇرۇلغاندىن بۇيانقى خىزمەتلىرى، شۇنداقلا مەرھۇم مەخسۇم ھاجىمنىڭ ھايات ۋاقتىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ۋە خىزمەتلىرى، قۇرغان جەمئىيەتلىرى ۋە فوندى جەمئىيەتلىرى، ئۇنىڭ ياخشى خىسلىتى ۋە ئەخلاقى مۇھاكىمە قىلىندى. شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەرمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلدى. پروگرامما ئۇستاز ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھاجىمنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتى.






















