ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركسىتان تارىخى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

27- دىكابىر 2025 جۈمە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر تارىخى قىسمەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.
يىغىن مەخمۇتجان داموللامنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا تەشەككۈر ئېيىتى ۋە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھەقىقىي تارىخىنىڭ يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى، ياكى بورمىلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ يالغان تارىخ يېزىپ چىقىپ خەلقىمىزنى ئالداۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە
ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي تارىخىنى ئۆگىنىش، ئارتۇقچىلىقتىن پايدىلىنىپ، كەمچىللىكتىن ساۋاق ئېلىش ۋە ئەۋلادلارغا ئۆگىتىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي تارىخىنى يېزىپ چىققان تارىخشۇناس نەبىيجان تۇرسۇندىن ھەقىقىي تارىخىمىزنى ئاڭلاش ۋە پايدىلىنىش ئۈچۈن بۇ يىغىننىڭ ئۇيۇشتۇرۇلغانلىنى بىلدۈردى.
يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراججىدىن ئەزىزى ئەپەندى سۆز قىلىپ، كەلگۈسىمىزگە توغرا قەدەم بېسىش ئۈچۈن تارىخىمىزنى بىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلدى.
يىغىندا يەنە ئۇيغۇر پىداگوگ ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندى سۆز قىلىپ، تارىخشۇناس نەبىيجان تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى ناملىق چوڭ ھەجىملىك تارىخ ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىنى بىلىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
يىغىندا ئاساسى سۆز قىلغۇچى تارىخشۇناس دوكتۇر نەبىيجان تۇرسۇن ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى توغرىسىدا توختالدى.
ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرى 300 – يىلدىن باشلاپ مىلادىيەدىن كېيىن 1950 – يىلغىچە بولغان 2300 يىللىق جەرىياندا شەرقىي تۈركسىتاندا قۇرۇلغان دۆلەتلەر، خانلىقلار ۋە بەگلىكلەر توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن قىسمەتلەرنى سۆزلەپ ئۆتتى.
نەبىيجان تۇرسۇننىڭ 1933 – يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944 – يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە يىقىلىش جەرىيانلىرى ۋە سەۋەبلىرى توغرىسىدا بايان قىلغان سۆزلىرى يىغىن ئەھلىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.
ئۇ سۆزىدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ يىقىلىشىغا ئاساسلىقى رۇسلارنىڭ سەۋەب بولغانلىقى، شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان بولسىمۇ سىياسىي سەھنىدە غەلبە قىلالماي مۇستەقىل شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى خۇلاسىلدى.
ئاخىرىدا نەبىيجان تۇرسۇنغا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەقدىرنامە تەقدىم قىلىندى.
4 سائەت داۋام قىلغان يىغىندا دوكتۇر نەبىيجان تۇرسۇن 3 سائەتتىن ئارتۇق ئۆرە تۇرۇپ سۆزلەشلىرى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ پۈتۈن دىققەت بىلەن ئاڭلىشى يىغىن زالىدا ئالاھىدە بىر قىزغىن كەيپىيات شەكىللەندۈردى.
يىغىن ئاخىرىدا كىتاپقا ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار كىتابلارنى بەستە سېتىۋالدى ۋە كىتابلار يېتىشمەي قالدى. تاماق زىياپىتىدىن كېيىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.
























