پائالىيەتلەر

جەمئىيىتىمىز تارمىقىدىكى ئانا تىل يەسلىدە 2- پەسلىلىك ئۇقۇش باشلاندى

جەمئىيىتىمىز تارمىقىدىكى ئانا تىل يەسلىدە 2- پەسلىلىك ئۇقۇش باشلاندى

 

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تارمىقىلىدىك ئانا تىل يەسلى سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلەرنى ئىككى ھەپتىلىك قىشلىق تەتىل ئۈچۈن قويىۋېتىلگەن بولۇپ، 2013 – يىلى 2 – ئاينىڭ 11 – كۈنى جەمىئىتىمىزنىڭ  كوجا مۇستافا پاشا، سەفاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇ قاتارلىق  ئۈچ رايۇندا ئوقۇيدىغان جەمىئى 120 نەپەر پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا يېڭى بىر ئوقۇش مەۋسۈمىدە يەسلى باغچىلىرىغا كېلىپ دەرس باشلىدى.

ئۈچ رايۇندىكى يەسلى سىنىپلىرىنىڭ مۇدىرلىرىدىن ئىگەلىشىمىزچە بۇ يېرىم يىللىق مەۋسۈمدىمۇ بالىلىرىنى بۇ يەسلىلەرگە تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئوقۇتقۇچى ۋە سىنىپ يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن قوبۇل قىلىش سانىغا چەك قويۇشقا مەجبۇر بولغان.

سەفاكۆي رايۇنىدىكى شۆبىمىزنىڭ مۇدىرى رەنا خانىمدىن ئىگىلىشىمىزچە ئالدىنقى مەۋسۈمدىن باشلاپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى 46 بولۇپ، بۇ يېرىم يىلدىن كېيىن كەلگەنلەردىن پەقەت تۆت بەش ئوقۇغۇچىنىلا قوبۇل قىلالىغانلىقىنى، چۈنكى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۈپەتلىك دەرس ئېلىشى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارغا ھەدىدىن ئارتۇق بېسىم بولماسلىقىنى ، ھازىر خىزمەت ئۈستىدە بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 3 سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاران يېتىشۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇ قارارنى ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.

زەيتىنبۇرنۇ شۈبىسىنىڭ مۇدىرى خۇرشىدە خانىم، بەلگىلەنگەن ساندىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختاتقان بولۇپ، پەقەت جىددى ئىھتىاجلىق بولغانلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا مەلۇم شەرتلەر ئاستىدا 11 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 60 تىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ، ئالدىنقى مەۋسۈمدە 3 سىنىپقا ئايرىپ بېرىلىۋاتقان دەرسلەرنىڭ بۇ مەۋسۈمدە 4 سىنىپقا ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن جىددى ھالدا ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك ئەھۋالىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

كوجا مۇستافا پاشا شۈبىمىزنىڭ مۇدىرى فاتىمە خانىم ، ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشتا جەمىئىتىمىزنىڭ مەلۇم شەرتلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنى، سۈپەتلىك يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولمىغانلارنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

روھلۇق ۋە كەيپىياتلىق يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسمۈرلەر مارشى ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇغان چاغدىكى جاراڭلىق ئاۋازلىرى جەمىئىتىمىزنىڭ يەسلى باغچىلىرىدا قايتا ياڭراشقا باشلىدى، ئۈمىد قىلىمىزكى بۇ ئاۋازلار بىزدەك مەزلۈم مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ تىلىكى ، دۇئاسى قاتارىدا قوبول بولغاي! جانابى ئاللاھتىن بۇ مەۋسۈمنىڭ تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇشىنى ۋە بۇ ئۈچ رايۇندا خىزمەت قىلىۋاتقان 13 ئوقۇتقۇچى ۋە پەرۋىشچىلەرگە ۋە ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەمدە بولۇۋاتقانلارغا ئاللاھتىن كۈچ قۇۋۋەت ۋە كاتتا ئەجىر بېرىلىشىنى تىلەيمىز!

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتىش

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

Back to top button
Close
Close