پائالىيەتلەر

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2025-يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2025-يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

ئىستانبۇل، 2026-يىلى 17-يانۋار

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئايلىق «قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە سۆھبەت يىغىنى» 17-يانۋار شەنبە كۈنى كەچتە، ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت يىغىن زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى جەمئىيەتنىڭ 2025-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىنى خەلققە تەقدىم قىلىش ۋە كەلگۈسى پىلانلارنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىبارەت بولدى.

يىغىن مۇسابىقىسى ۋە ئېچىلىش

يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى، دىنىي ئۆلىمالار، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قاتناشتى. يىغىنغا جەمئىيەت باش كاتىپى ئابدۇسالام تەكلىماكان رىياسەتچىلىك قىلدى. پروگرامما ئۆمەر قارىمھاجىمنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلىنىپ، زالدا مەنىۋى بىر كەھۋا پەيدا قىلدى.

2025-يىللىق نەتىجىلەر ۋە خىزمەت دوكلاتى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ 2025-يىلى بىر يىل بويىچە ئېلىپ بارغان مائارىپ، ئىجتىمائىي ياردەم، تەشۋىقات ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە كەڭ تۈردە دوكلات بەردى. ئۇ ئۆز سۆزىدە، ئۆتكەن بىر يىلنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە مائارىپ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكلاتتىن كېيىن، 2025-يىللىق خىزمەتلەرنىڭ جەريانى ۋە ئەمەلىي كۆرۈنۈشلىرى توپلانغان مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. فىلىمدە جەمئىيەتنىڭ بىر يىللىق مۇساپىسى، ئۇتۇقلىرى ۋە ئېلىپ بېرىلغان تۈرلۈك خىزمەتلىرى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

مۇساجان ئەر سۆزىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ 2026 – يىلى ئېلىپ بارماقچى بولغان پىلانلىرىدىن بىر قىسىمىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. 

غايە ۋە مەقسەتتە چىڭ تۇرۇش

يىغىندا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەپتىش رەئىسى دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا، جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئۇ ئۆز نۇتقىدا، مۇھاجىرەتتىكى مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش، دىنىي ۋە مىللىي قىممەت قاراشلارنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتە كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلارنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلدى.

دۇئا ۋە خاتىمە

يىغىن ئاخىرىدا، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇبۇلقاسىم قارىم زەرەپشان تەرىپىدىن دۇئا قىلىندى. دۇئادا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى، تۈرمىلەردىكى مەھبۇسلارنىڭ قۇتۇلۇشى ۋە شەھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ تىلەكلەر تىلەندى.

جەمئىيەت مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2025-يىللىق خىزمەت پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم پات يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئومۇمىيۈزلۈك ئېلان قىلىنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدۇ.

جاۋاب يېزىش

Back to top button