18- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۇركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ئېچىلىش يىغىنىغا تەكلىپ

18- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۇركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ئېچىلىش يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇراسىمىغا تەكلىپ
قىممەتلىك` مۇھاجىر خەلقىمىز!.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ،
تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۇركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە ئورتاق مەقسەت ۋە ئورتاق نىشانغا يېتىش ئۈچۈن سەمىمىي ھەمكارلىق ئىچىدە كۈرەش قىلىشىمىزغا تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە شەرقىي تۇركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمىز تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، «دۇنيا شەرقىي تۇركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» بۇ يىل 18-قېتىملىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ يىللىق يىغىن «ئورتاق دەۋا، كۈچلۈك تەشكىلات، ئەمەلىي ھەرىكەت» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىندا ، مىللىي دەۋايىمىزنىڭ كەلگۈسىنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىش ۋە قېرىنداشلىق مۇھىتىدىن تەڭ بەھىرمەن بولۇش ئۈچۈن ئەزىز خەلقىمىزنى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋا دوستلىرىمىزنى بۇ قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمىز،
ھۆرمەت بىلەن:
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئىتى
📋 يىغىن ۋاقتى: 2026-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، پەيشەنبە
سائەت: 18.00 – 22.00
ئورنى: كازلىچېشمە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مەركىزى، ئاق دېڭىز زالى
ئادرېسى: زەيتىنبۇرنۇ / ئىستانبۇل










